قامچىئوت يىلتىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مېڭىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
2. ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
3. قـان زەردابىدىـكـى خـولېسترولنـى تۆۋەنـلىتىـپ، ئارتېرىينىڭ بۇتقىسىمـان قېتىشىنى، تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىدۇ.
4. سىل تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ.
ئىسسىق مىزاج كىشلەرنىڭ ئۈچىيىگە زىيان قىلىدۇ.
ئانـتـىـراخـىـنـون تـۈردىـكـى مـاددىـلار، Chrysophanol، Chrysophane،Chrysophanic aicd nathrone ۋەLecithin قاتارلىق ماددىلار بار.
1. ئاقىرقەرھا، كۇندۇر 10گرامدىن كۆپ گۈللۈك قامچىئوت 5گرامدىن ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سۈرئىتى ئىنزالغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. كۆپ گۈللۈك قامچىئوت 6گرام، سۆرۈنجان 10گرام، بەدىيان 15گرام، سانا 10گرام، قۇستە شېرىن 10گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل، پۇت ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدۇ.
سوفۇپى ئاقىرقەرھا.
باش قېيىش، كۆز تورلىشىشى، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل، پۇت ئاغرىقلىرى،سۈرئىتى ئىنزال ، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.