كەپە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كەپە كەپە ئائىلىسىدىكى يەردە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدىغان، كەپىگە ئۇرۇقداش يېرىم چاتقال بولۇپ، يىلتىزى توم، پوستى قېلىن، ئاق سېرىق رەڭلىك، غولى توپلىشىپ يەرگە يېتىپ، پېلەكسىمان ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىن، يۈزى سىلىق، سەل ئويمان، شەكلى يۇمىلاق، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تال قاتتىق ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ؛ گۈلى چوڭ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ، يېرىلغاندىن كېيىن ئىچكى پەردىسى قاندەك قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى توق خورما رەڭ بولۇپ، تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ، ئۇرۇقىنىڭ تەمى ئاچچىق بولىدۇ.
كەپىنىڭ يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇقنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، يىلتىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى قۇرغاق قۇملۇق، شېغىللىق پەس تاغ باغرىلىرى ۋە قۇمساڭغۇ يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ئىككى گرام ھۆل كەپە يىلتىزىنى 5.0 گرام ھۆل كەپە مېۋىسى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، داكا بىلەن يەرلىك ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، ئۆتكۈر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر گرام ھۆل كەپە مېۋىسىنى ئىككى گرام ھۆل يوپۇرمىقى بىلەن بىللە ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىتىلغان ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.