كۈركە توخۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۈركە توخۇ، رۇس توخۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مېكسىكىنىڭ ۋاخاكانىڭ ھەممىدىن ئاۋال كۆندۈرۈلگەن يەرلىك ئۆي قۇشى، ۋاقتى تەخمىنەن ياۋروپا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000-يىللار). كۈركە توخۇ يىلى 15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى يۇقۇمى ياۋروپا، جۇڭگوغا كىرگۈزۈلمىگەن. كۈركە توخۇ ھازىر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يەنە ياۋايى ھالەتتە بار. باشقا توخۇسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلارغا ئوخشاش، ئۇرغاچى قۇش ئەركەك قۇشتىن كىچىك، رەڭگى ئوچۇق ئەمەس. كۈركە توخۇ قانىتىنى يايغاندا 1.5 ~ 1.8 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇ جايدىكى ئېچىۋېتىلغان ئورماندىكى ئەڭ چوڭ قۇش بولۇپ، باشقا تۈردىكىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇش ناھايتى تەس. كۈركە توخۇنىڭ جەمئىي ئالتە كەنجى تۈرى بار، ھازىرقى كۈركە توخۇ مېكسىكىدىكى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن شۇ جاينىڭ ياۋا كۈركە توخۇسىنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن.
كۈركە توخۇ قۇشلار سىنىپىنىڭ توخۇسىمانلار ئەترىتى، كۈركە توخۇ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. باش قىسمى يالىڭاچ بولۇپ، مارجانسىمان تېرە ئۆسمىلىرى بولىدۇ. كۈركە توخۇنىڭ بەدەن شەكلى ئۆي توخۇسىدىن 3 ~ 4 ھەسسە چوڭ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 110 ~ 115 سانتىمېتىر، قاتىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلىقى 125 ~ 144 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 ~ 10.8 كىلوگىرام.
بوغۇزىنىڭ ئاستىدا گۆش ساقىلى، بويۇن قىسمى ئەگرى، دۈمبىسى كەڭ ھەم ئۇزۇن، كۆكرىكى كەڭ-دومباق، كۆكرەك (تۆش) مۇسكۇلى ۋە پاچاق (پۇت) مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. بەدىنى چوڭ، خورىزىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 12 ~ 18 كىلوگرام؛ مېكىيىنى كىچىكرەك، ئېغىرلىقى 8 ~ 9 كىلوگرام بولىدۇ. تۇمشۇقى چوڭ ھەم كۈچلۈك، ئۆي تۇخۇسىنىڭكىدەك سەل ئېگىلگەن.
ئۇچۇش ئىقتىدارى ئاجىز، پۇتى كۈچلۈك. پەيلىرى تۈر سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىق مىس رەڭ، قارا، قىزغۇچ سېرىق، تۇتۇق قارا قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. خورىزى دائىم قانات قۇيرۇقلىرىنى يەلپۈگۈچتەك يېيىپ چىللايدۇ، بۇ چاغدا تېرە ئۆسمىلىرى ۋە گۆش ساقاللىرى قىزىلدىن كۆكۈچ ئاق ياكى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا «يەتتە يۈزلۈك قۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۈركە توخۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدىن چىقىدۇ، ئىللىق بەلۋاغ بىلەن سۇبتۇرۇپىك ئورمانلاردا ياشايدۇ، ياۋايى كۈركە توخۇ سۇ بويىدىكى ئورمانلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
كۈركە توخۇ توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، مىجەزى مۇلايىم، ھەركىتى ئاستا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى، يۇپۇرمىقى، ئۇرۇقى، مىۋىسى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، بەزىدە يەنە قۇرۇت-قوڭغۇزلارنى، چىكەتكە، كەسلەنچۈك قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ.
ئۇلار ھوجۇمغا ئۇچىرىغاندا، دەرھال يۇشۇرۇن جايغا بېرىپ مۈكىنىۋالىدۇ. ئۇچۇش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، 500 ~ 2000 مېتىر يىراقلىققا ئۇچالايدۇ، ئادەتتە يەر ئۈستىدە ياشايدۇ، «كوك-كوك» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، قۇرۇت-قوڭغۇز، قاسىراقلىقلارنى، كەسلەنچۈك، كۆكتات، مىۋە قاتارلىقلارنى ئىزدەپ يەيدۇ، كېچىسى توپلىشىپ دەرەخ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ.
كۈركە توخۇ ھەر يىلى 3 ~ 8 ئايلاردا تۇخۇم سالىدۇ. يىلىغا 60 ~ 70 تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقى 57 ~ 80 گرام، شاكىلى سۇس قوڭۇر ھەم داغ چېكىتلىرى بار. ئۇۋا ياسىيالايدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 27 ~ 28 كۈن، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ياۋايىلىرى ياشىماقتا. ئۇنىڭ سورتلىرى ئاز بولغاچقا ھەممە جايلاردا بېقىپ كۆپەيتىلىدۇ. گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، پەيلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئەسلى جايى: كانادا، مېكسىكا، ئامېرىكا.
كىرگۈزۈلگەن جايى: ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئامېرىكا ھاۋاي تاقىم ئارىلى قاتارلىق جايلار.
«دۇنيا تەبىئىي قۇغدىلىدىغانلار ئىتتىپاقى» (IUCN) دىكى 2012-يىلى خەتەرلىك جانلىقلار تۈرى قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 3.1 ver — تۆۋەن دەرىجىلىك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.