ئۇيغۇرچە نامى ئۆزەن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 680700 مو
پىنيىنچە يېزىلىشى wū zàn xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌赞乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون نىلقا بازىرى
نوپۇسى 12221 ئادەم
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆزەن يېزىسىئۆزەن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نىلقا ناھىيەنىڭ نىلقا بازىرىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتر.

شەرق تەرىپى ئۇلاستاي يېزىسى، نىلقا بازىرى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي قاش دەرياسى، شەرقىي جەنۇب تەرىپى ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتاشقان، غەربى ياقا ئۇلاستاي يېزىسى، نىلقا بازىرىنىڭ يايلاقى بىلەن چېگرالانغان، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيەسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي نوپۇسى 12221 ئادەم، ئاساسلىق ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان.

نىلقا ئۆزەن بوۋاق دەريا دېگەن مەنىدە، ئۆزەن بولسا قازاق تىلىدىكى سۆز بولۇپ، مەنىسى «دەريا».

ئۆزەن يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرمىنگو دەۋرىدە ئۆزەن نىلقا ناھىيەسىنىڭ بىر رايون، بىر يېزىسى بولغان، قارىمىقىدا بەش كەنت بولغان، 1-كەنتى شىلېجىن تۇرۇشلۇق مەھەللە، 2-كەنتى تۇرۇشلۇق تۇڭگان مەھەللە، 3-كەنتى كونا بازار تۇرۇشلۇق مەھەللە، 4-كەنتى روس تۇرۇشلۇق مەھەللە، 5-كەنتى تۇرۇشلۇق تولۇق مەھەللە.

1952-يىلى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان، 1954-يىلى كوپىراتىپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى 10-ئايدا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

گۇڭشې قارمىقىدا بەش چوڭ ئەترەت بولغان، 1-ئەترەت دورلجىن، 2-ئەترەت تۇڭگان مەھەللە، 3-ئەترەت كەڭ بازار، 4-ئەترەت روس تۇرۇشلۇق مەھەللە، 5-ئەترەت تۇلۇق مەھەللە. 1977-يىلى 10-ئايدا گۇڭشې 1-چوڭ ئەترىتى خەلق گۇڭشېسىغا ئايرىپ بېرىلگەن. 1982-يىلى ئەسلىدىكى ئۆكتەبىر گۇڭشې نىلقا ئۆزەن گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984-يىلى يەنە بازارلىق خەلق گۇڭشېسى، 1-چوڭ ئەترىتى نىلقا ئۆزەن خەلق گۇڭشېسى قوشۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دەۋرىدە يەنە نىلقا ئۆزەن خەلق گۇڭشېسى نىلقا ئۆزەن يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئۆزەن يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 680700 مو، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوتلاق، ئورمانلىق، سۇ رايونى، تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان رايون، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 597 مىڭ مو، دېھقانچىلىق رايون كۆلىمى 90 مىڭ مو. يېزا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1064 ~ 3740 مېتىر.

ئۆزەن يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا تۇلۇق مەھەللە كەنتى، توققۇزتولۇق كەنتى، تەرىكتى كەنتى، نىلقا ئۆزەن كەنتى، قۇرئۆزەك كەنتى، مۆلدۈر تاغ كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى، لەڭگەر مەھەللە كەنتى، كونا بازار كەنتى، تۇڭگان مەھەللە كەنتى قاتارلىق كەنىتلەر بار.

ئۆزەن يېزىسىدا كان بايلىقى ئىنتايىن مول، نىلقا جىلغىسىدىكى ئالتۇن، كۆمۈر، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاش، قۇم، شېغىل تاش، قىزىل ئەت تۇپراق، تاۋ كەڭبۇلاق تاش مۇم رۇدىسى قاتارلىقلار بار. ساپال تاۋ كەڭبۇلاق گەج كېنىنىڭ زاپاس مىقدارى چوڭ، سورت كۆپ، سۈپىتى ياخشى، قاتناش قۇلايلىق، ئېچىش ئاسان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#