ئەڭ بۇرۇنقى قۇش

بوۋىقۇش
ئەڭ بۇرۇنقى قۇشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ناھايىتى ئوبدان ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلانغان يەككە گەۋدىسىدىن ئالتىسى تېپىلدى. تاشقا ئايلانغان بۇ قۇشلار يەنى «بوۋىقۇش» كېيىنكى يۇرا دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر 100 مىليون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بوۋىقۇش
خەنزۇچە ئىسمى 始祖鸟

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوۋىقۇشئەڭ بۇرۇنقى قۇشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ناھايىتى ئوبدان ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلانغان يەككە گەۋدىسىدىن ئالتىسى تېپىلدى. تاشقا ئايلانغان بۇ قۇشلار يەنى «بوۋىقۇش» كېيىنكى يۇرا دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر 100 مىليون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن. ئۇلار ھازىرغا قەدەر پەقەت گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئوبلاستىدىكى سولونھافېن دېگەن جاينىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان شىبەلىك ھاك تاشتىنلا تېپىلدى. بۇ جاي ئەينى زاماندا ئىسسىق بەلباغ تېيىز سۇلۇق مارجان ئاراللىرىدىكى كۆللەردىن بوۋىقۇشلار ئاندا-ساندا چۈشۈپ كېتىپ، تاشقا ئايلانغان قالدۇق سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەردىكى ھاك تاش سىپتا بولۇپ، تاش باسما ماتېرىيالى قىلىشقا ئەپلىك، شۇڭا بۇ جاي تاش كولانغان ئازگال بولۇپ قالغان. بىرىنچى ئەۋرىشكە 1861-يىلى 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگالدىن تېپىلغان، ئۇنىڭ ئىسكىلىتى مۇكەممەل، پەيلىرى چىرايلىق، ئوبرازى ئەينەن بولۇپ، قانىتىنىڭ ئالدىدا تىرناقنىڭ قالدۇقى بار. قۇيرۇق ئومۇرتقىسىنىڭ سۆڭىكى ناھايىتى ئۇزۇن، ئاغزىدا چىشى بار، بۇلار ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ قۇشلارغا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشتىكى ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيەتنى نامايەن قىلىپ، قانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدا تېپىلماس ئەمەلىي مىسال ۋە دېئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزملىق ياخشى دەرسلىك سانىلىدۇ. لېكىن بوۋىقۇشنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زاماندىكى توخۇ، ئۆردەكلەردىن ئانچە پەرقلەنمىسە كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#