سوغىگۈل

سوغىگۈل

سوغىگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سوغىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەڭگىسىمان غولى ھارارەت پەسەيتىش، ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى سوغىگۈل
پارسچە نامى fritillary
پىنيىنچە يېزىلىشى bèi mǔ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 贝母
تەبىئىتى شىنجاڭدىكى تاغ باغرى چىمەنلىكلىرى ۋە قارامتۇل كەلگەن قۇملۇق توپىلىقلار
باشقا نامى ھەجەل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوغىگۈلسوغىگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سوغىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدا تەڭگىسىمان غولى بولىدۇ، شەكلى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان؛ يپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تۆۋەنكى قىسمىنىڭ يوپۇرماقلىرى كەڭ تېمىنە شەكلىدە، ھەتتا سوقىچاق بولىدۇ، يۇقىرىقى قىسمىنىڭ يوپۇرماقلىرى تار، يىپسىمان شەكلىدە، ھەتتا تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ، يوپۇرماق ئۇچى يۆگەشمەيدۇ؛ گۈلى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، شەكلى سوغۇغىغا ئوخشايدۇ، رەڭگى سېرىق ياكى ئاق يېشىل بولىدۇ؛ مېسىسى غوزا مېۋە، ئۇزۇنچاق دۈگىلەك، ئالتە قاناتلىق بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى بەشىنچى، ئالتىنچى ئايلاردا يىغىۋېلىپ، پاكىزە يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ قايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى چىمەنلىكلىرى ۋە قارامتۇل كەلگەن قۇملۇق توپىلىقلاردا ئۆسىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ھارارەت پەسەيتىش، ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

سوغىگۈلدىن تۆت گرام، نەشپۈتتىن بىر دانە ئېلىپ، نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، سوغىگۈلنى نەشپۈتنىڭ ئىچىگە سېلىپ، قايتا جۈپلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىنچىكە ياغاچنى ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى ھەسەل قوشۇپ، سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، بىرلا قېتىمدا سۈيىنى ئىچىپ، نەشپۈتنى يەپ بەرسە، بالىلاردىكى كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سوغىگۈلنى 100 گرام كۆپۈكى دەريا، 35 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سوغىگۈلدىن تۆت گرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن 2 گرام، ھىندى ئوسمىسىدىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام تالقاننى ئاق شېكەر سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام سوغىگۈلنى 15 گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ، سۇ بىلەن ئىككى تال كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#