ۋانكۇۋېر
كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورتى، بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، كانادانىڭ مونتىرىئال، تورۇنتو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى. ۋانكۇۋېر شەھىرى بۇرارد بوغۇزى بىلەن فراسېر دەريا ئاغزى ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2مىلىيون300مىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋانكۇۋېر شەھىرى بۇرارد بوغۇزى بىلەن فراسېر دەريا ئاغزى ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ ب 2مىلىيون300مىڭ ، بۇ جايدا جۇڭگولۇقلارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى تۇرىدۇ. ۋانكۇۋېرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، قىش پەسلى سوغۇق بولمايدۇ، پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃2.9، 7-، 8-ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃17.7 بولىدۇ.
يىللىق ھۆل-يېغىن مىقادرى 1044 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ۋانكۇۋېرغا 1886-يىلى كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول سېلىنغان، 1887-يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 1910-يىلغا كەلگەندە ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشقان، ھازىرئ ۇ كانادانىڭ تىچن ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركەلزىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار، كانادا بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرىدىغان ماللارنىڭ كۆپى ۋانكۇۋېر پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پاراخوتلىرىمۇ ۋانكوۋېر پورتىغا قاتناپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، شەھەردە ئاتاقلىق باغچىلار، گۈللۈك مەيدانلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق بىلىم يۇرتلىرى بار. ئۇ جايدىكى كونا بىرىتان كولۇمبىيە داشۆسى 1908-يىلى قۇرۇلغان.
ۋانكۇۋېردا 74باشلانغۇچ مەكتەپ18تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ7چوڭلار مائارىپى مەركىزى باربۇلۇپ ئوقۇغۇچى سانى 110مىڭغا يېتىدۇ،ئېنگىلىز تىلى ۋانكۇۋېردىكى ئىككىنچى ئانا تىل بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ
ۋانكۇۋېر ئەڭ بۇرۇن باشقا شەھەرلەر بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلەرنىڭ بىرى.1944-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئودىسسا شەھىرى بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان.تۆۋەندىكىسى ۋانكۇۋېر بىلەن
دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكى؛
شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبورگ 1978-يىلى
جۇڭگو گۇاڭجۇ1985-يىلى
تەيۋەن گاۋشيۇڭ1985 -يىلى
ئامېرىكا لوس 1986-يىلى
كورىيەنىڭ پۇسان 2007-يىلى
ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا 1944-يىلى
برازىلىيە برازىلىيە 1944-يىلى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ تورى قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.