مىلېۋا مارك ئېينىشتېين

مىلېۋا مارك ئېينىشتېين

مىلېۋا مارك ئېينىشتېين 1875-يىلى ۋېنگىرىيە سېربىيە دە بىر باي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، سېربىيەلىك ئايال ماتېماتىك، ئېينىشتېين نىڭ ئۇنتۇلغان ئايالى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىلېۋا مارك ئېينىشتېين
باشقا نامى مىلېۋا مارك
مىللىتى سېرب مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1875-يىلى
كەسپى ماتېماتىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米列娃·爱因斯坦·玛丽克
دۆلەت تەۋەلىكى ۋېنگرىيە
يۇرتى سېربىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1948-يىلى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Mileva Mari

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلېۋا مارك ئېينىشتېينمىلېۋا مارك ئېينىشتېين 1875-يىلى ۋېنگىرىيە سېربىيە دە بىر باي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئېينىشتېين نىڭ تۇنجى ئايالى مىلېۋا مارك سېرب مىللىتىدىن بولۇپ ئېينىشتېيندىن تۆت ياش چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تۇغما ئەيىبى بار ئىدى: ساغرىسى ئېغىر دەرىجىدە مايماق، پۇتلىرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىق پەرقى 3 ئىنچ كېلەتتى، ئەمما ئەقلى ئاجايىپ ئۆتكۈر ئىدى.

ئۇ چىرايلىق بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك «مەسىلە»سى بار بولغاچقا توي قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. مىلېۋا 1894-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى تېخىچىلا قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا يول قويمايۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن سيۇرىختا تەييارلىق مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە قىسقا مۇددەت ئوقۇغان. بىراق، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزى ھەقىقىي ياقتۇرۇدىغان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا كەسپىگە يۆتكەلگەن. ئۇ تۇنجى قېتىملىق سىناققا قاتنىشىپ ھېچقانچە زورۇقمايلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان. ئېينىشتېيىن بولسا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن ئۆتكەن.

مىلېۋا پرۇشتىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 20 قىز ئوقۇغۇچى ئارىسىدا بىردىنبىر تەبىئى پەن ۋە ماتېماتىكا كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىدىكى بىردىنبىر قىز ئوقۇغۇچى ئىدى.

مىلېۋا مارك ئېينىشتېينمىلېۋا ئېينىشتېين بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك مۇھەببەتلەشكەن، ئېينىشتېين بەك قوغلاشقان بولسىمۇ، مىلېۋا ئېنىق جاۋاب بەرمەي يۈرۈۋەرگەن. 1898-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە ئۇلار مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇغان. مۇشۇ مەزگىلدە مىلېۋا خىزمەت تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇنىڭ ئېينىشتېيىنغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۆمۈرلۈك، قايتۇرۇپ بولماس دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

1901-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلار تېخى توي قىلمىغان بولسىمۇ، مىلېۋا ئۆزلىرىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار بولغان. مىلېۋا توي قىلماي تۇرۇپ قورساق كۆتۈرگەنلىكى، ساغرىسى مەيماق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېينىشتېيىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان، مىلېۋانىڭ ئاتا-ئانىسى كەمسىتىلگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مىلېۋا بىر نومۇر كەم ئالغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ پۈتتۈرەلمىگەن.

مىلېۋا ئەينى چاغدىكى كۆپلىگەن ئاياللارغا ئوخشاش كەسپكە قارىتىپ كەلگەن ئىخلاسىنى ئېينىشتېيىنگە يۆتكىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئېينىشتېيىننىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ئىلھامى ئاتا قىلغان ئۇقۇملار ئۈستىدە ئىزدىنەتتى، مىلېۋا بولسا تۇغما تالانتى ۋە ئەڭ رېئال چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل يۈرگۈزەتتى. ئېينىشتېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھەمىشە بىرگە خىزمەت قىلالىغانلىقىدىن پەخرلىنەتتى، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇن خەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ ئاجايىپ بىر ئويۇم بار، ئۇ بولسىمۇ مولېكۇلىنىڭ گاز جىسىمغا كۈچ تەسىرى كۆرسىتىش نەزەرىيىمىزدىن ئىبارەت. مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەمىشە ساقلىيالمايمەن دېسەممۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دېيىلسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ مولېكۇلىنىڭ كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز بىلەن تارتىش كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز مىقتار جەھەتتىن ئوخشاش». ئۇ خېتىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىككىمىز نىسبىي ھەرىكەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغاندا، مەن تولىمۇ شادلاندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم!». ئېينىشتېيىن 1901-يىلى يازغان خېتىدە تىلغا ئالغان تەتقىقاتى 1905-يىلىغا كەلگەندە ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئايلانغان.

ئېينىشتېين1921-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېينىشتېين نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەشەككۈر نۇتقىدا ئاجراشقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ئۈچ بالىسىنىڭ ئاپىسى-تۇنجى ئايالى مىلېۋا ئېينىشتېيىن ماركنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان.

مىلېۋا ئېينىشتېين نى راھەتكە ئېرىشتۈرگەن، تامىقىنى ئېتىپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەرگەن، ئائىلىسىنىڭ كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغان، تۈن بويى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىكى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن. ئەمما ئېينىشتېين ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن.

مىلېۋانىڭ ئېينىشتېيىننىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقى مەسىلىسىدە تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بار. رۇسىيە ئالىمى ئابرام يۇفې «فىزىكا ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش: چەت ئەل فىزىكا ئالىملىرى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى 3 تەتقىقات ئەسىرىگە «ئېينىشتېيىن، مارىتي» (مارىتي مىلېۋانىڭ ئىسمىنىڭ ۋېنگىرچە يېزىلىشى) دەپ ئىمزا قويۇلغان. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مىلېۋا بىلەن ئوغلى ھانس ئالبېرتنىڭ ئېينىشتېيىننىڭ تەرجىمىھالىنى يازغۇچى بىد مىلمورغا دېيىشىچە، مىلۋا ئېينىشتېيىننىڭ «بەزى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلغان» ئىكەن.

مىلېۋانىڭ ئالىي مەكتەپتىكى دوستى مىلان ستىفانوۋىچ 1989-يىلى بېلگراندتا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مىلېۋا ئېينىشيېيىننىڭ نەزەرىيىسىگە دائىر ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ نەزەرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قاتناشقان، 5-6 يىل ئىلگىرى مىلېۋا ماڭا بۇ توغرىلىق ئېيتقان، ئەمما بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ئىنتايىن ئازابلانغان. بەلكىم ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقىتلارنى ئەسلەش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر تۇيۇلسا كېرەك، سابىق ئېرىنىڭ بۈيۈك ئابرۇيىغا داغ چۈشۈرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

كىشىلەر ئېينىشتېيىننىڭ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئازراقمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى چۈشىنىپ يەتمەكتە. ئۇ كيۇرى خانىمنى ئانچە-مۇنچە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىمۇ بىر يامان غەرىزى بار ئىدى. ئۇ بىر دوستىغا يازغان خېتىدە: « ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئەقىللىق ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭدا تۇغما قايناق ھېسسىيات بار بولسىمۇ، ئۇ ھېچكىمگە تەھدىت بولغىدەك سېھرىي كۈچكە ئىگە ئەمەس» دەپ يازغان.

ئېينىشتېين ستوكھولمدا سەھنىگە چىقىپ نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆمۈرلۈك جۈپتى، ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى مىلېۋانى ماختىمىغان، ئېتىراپ قىلمىغان. بۇ ئېينىشتېيىننىڭ خاتالىقىدۇر ياكى مىلېۋانى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغىنىدۇر. ئەمما ئۇ نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن بېرىلگەن 121 مىڭ 524 كىرونا پۇلنى مىلېۋاغا تاپشۇرغان. 

مىلېۋا مارك ئېينىشتېينكىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق بەختنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. كىچىك ئوغلى ئېدۋاردنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن، ئۇ بارلىق پۇللىرىنى خەجلەپ بولغان، كېيىن، پەقەت پىئانىنو ئۈگىتىشكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كېتىدۇ، ئۇ شۋېتسارىيەدە قېلىپ، ئاغرىپ قالغان ئوغلىنىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدۇ، پىنھان تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. 

1948-يىلى ئۇ سەكتە بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ سيۇرىختىكى بىر ھېچقانداق بەلگە يوق يەرلىككە قويۇلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#