لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى لىن جىلۇ كوچىسىغا جايلاشقان. يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ناھىيە مەھكىمىسىنىڭ تۇرۇشلۇق جاي.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لىن ۋېيلياڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن ناھىيەسىدىن، 1916-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىدۇ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. 1937-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 1939-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ. شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كۇچارنىڭ ھاكىمى، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1942-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە 1943-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن.
لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى لىن جىلۇ كۇچادا ھاكىم بولغان مەزگىلدە خىزمەت قىلغان، ياشىغان جايغا سېلىنغان، يەنى كۇچا ناھىيەسى كونا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا؛
خاتىرە ساراينىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32.5 مو بولۇپ، ھويلىسى سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان، باغ-ئورمان كۆچەتخانىسى، سۈنئىي كۆل، يەنە ئويۇن-تاماشا ئورۇنلىرى بار. سەككىز بۇرجەكلىك شىپاڭىنىڭ مۇھىتى گۈزەل ۋە تىنچ، ئارام ئېلىشقا مۇۋاپىق بۇلۇپ، كۇچا ناھىيەسىدىكى باغچە شەكىللىك ئورۇنلارنىڭ بىرى.
1977 ~ 1978-يىللىرى ئەسلىدىكى ئورنىغا خاتىرە سارىيى سېلىنىپ، «ئىنقىلابىي قۇربان ئولتۇرغان ئۆي» بىلەن «ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى» دەپ ئايرىلغان. كونا ئۆي، ئىشخانا، ئارخىپخانا ۋە ياتاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆرگەزمىخانىدا تارىخىي سۈرەتلەر، خەت-چەكلەر ۋە لىن جىلۇ ھايات چېغىدا چىقارغان ژۇرنال ___ «ئۆركەش» قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلار قۇيۇلغان.
«ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى» نىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 350 كۋادرات مېتىر، ئىچىدە يولداش لىن جىلۇنىڭ يېرىم بەدەنلىك ھەيكىلى قويۇلغان، كۆرگەزمە رەسىم 75 پارچە، بىر پارچە، ئىككى پارچە ماي بوياق رەسىم، چاتما رەسىملىك ھېكايىدىن 19، قۇم مودىلى 2 ، 9 دانە ئەمەلىي بۇيۇم، تۆت خىل كىتاب، مەركەز رەھبەرلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ 16 پارچە بېغىشلىمىسى ۋە 186 پارچە چۈشەندۈرۈش تاختىسى ئورنىتىلغان.
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى شىنجاڭ ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاز ساندىكى ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي يادىكارلىق خارابىلىرى بار. ئۇ بىر كەڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا بولۇپلا قالماستىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى جانلىق ياخشى دەرسلىك قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ھەر مىللەت ئاممىسى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ يول ئېچىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، شىنجاڭنى سۆسۈيۈش مۇھەببىتى قاتارلىقلار سىڭدۇرۇلگەن. گۈزەل كۇچا يۇرت-ماكانى قۇرۇشتىكى ياخشى دەرسلىك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.