نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى

نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى

نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى قابا ناھىيەسى تېرەكتى يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، جەنۇب ئارىلىقى تەخمىنەن 23 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1390 مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى
جايلاشقان ئورنى قابا ناھىيەسى تېرەكتى يېزىسى
خەنزۇچە نامى 那仁夏牧场
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1390 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسىنارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى قابا ناھىيەسى تېرەكتى يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، جەنۇب ئارىلىقى تەخمىنەن 23 كىلومېتىر، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاچا - سىڭىل كۆل — قاناس كۆل سۈيى مەنبەسىنىڭ بىرى، دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى ۋە كۆچ يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1390 مېتىر، قابا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونىدىكى نىسبەتەن تەكشى تاغ ئارىسى ئويمانلىقى.

 نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى

نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسىنارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ داڭلىق يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بىرى. ھاۋا رايى يېقىشلىق، سۇ ۋە چۆپلىرى مول، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان، تۈرلىرى مول.

چارۋىچىلىق رايونلىرى ئىچىدە نارىن دەرياسى بار، ئىللىق ياز پەسلىدىكى ھاۋاسى سالقىن، كالا-قويلار توپ-توپ بۇلۇپ ئوتلىشىپ يۈرىدۇ، ئاق رەڭلىك كىگىز ئۆي گۈزەل يايلاقنى زىننەتلەپ تۇرىدۇ. 

 نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسىدا ئوت-چۆپلەرنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ، گۈللۈك دېڭىز دولقۇنى ئىچىدە ، ياۋا قىزىل، ئاق چوغلۇق، گۈلىسامساق، ئالتۇنگۈل قاتارلىق قىممەتلىك ئوت-چۆپ تۈرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، چارۋا ماللارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوزۇقلۇقى. 

چارۋىچىلىق مەيدانى ئەتراپىدىكى دەرەخ تۈرى مول بولۇپ، مەسىلەن، شەمشاد، ئاق شەمشاد، قىزىل قارىغاي، ياۋروپا تاغ تېرىكى قاتارلىقلار بار، بۇ ئەتىۋارلىق دەرەخلەر سىبىرىيە تايگا ئورمانلىقى شەكىللەندۈرگەن، چېتىگە كۆز يەتكۈسىز، ھەيۋەتلىك. 

قارلىق تاغ

نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسى نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسىقارلىق تاغ نارىنشا چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى مۇھىم مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئالتاي تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى − دوستلۇق چوققىسى يىل بويى ئېرىمەيدىغان يىغىندى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئاپئاق قارلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مۇكەممەل، شىنجاڭ رايونىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بىرى. قابا دەرياسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، ئالتاي تېغىنىڭ ئۆزگىچە يايلاق قىياپىتىنى تاماشا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#