توماس خاردى

توماس خاردى (1840-1928-يىللار)، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيەنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى توماس خاردى
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1928-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى
چەتئەلچە نامى Thomas Hardy
خەنزۇچە ئىسمى 托马斯·哈代
تۇغۇلغان ۋاقتى 1840-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيەنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى توماس خاردى (1840-1928-يىللار)، رومان ئارقىلىق بارلىق ئىجتىمائىي قائىدە-يوسۇنلارغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بارلىق «مۇقەددەس ئەخلاق» لارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش دولقۇنىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى چاغدا گەرچە ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيەسىنىڭ كونا ئەخلاقنى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتتى.

خاردى ئۆمرىدە 14 رومان، تۆت ھېكايىلەر توپلىمى ئىجاد قىلغان، يەنە سەككىز شېئىرلار توپلىمى ۋە تارىخىي داستان «پادىشاھ لې» نى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى روماندا. خاردى ئۆزىنىڭ رومانلىرىنى «رومانتىك تارىخ ۋە خىيال»، «مۇھەببەت، سۇيىقەست ھېكايىلىرى» ۋە «خاراكتېر ۋە مۇھىت توغرىسىدىكى رومانلار» دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ «خاراكتېر ۋە مۇھىت توغرىسىدىكى رومانلار» ىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولغان، «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» بىلەن «نامسىز جۇد» ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئەڭ ئېرىشكەن ئەسەرلەر.

«دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» 

«دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان تراگېدىيەلىك ئەسەر. روماننىڭ باش پېرسوناژى تېس ئەسلىدە بىر پاك، گۈزەل ھەم ئىنتايىن ئىشچان يېزا قىزى. ئۇ كىشىلىك ھاياتتا چىنلىق ۋە ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ، لېكىن ساختىلىق ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمايدىغان كۈنى يوق. ئۇ ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغىنىدا، ئېسارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، يەنە جامائەتچىلىكنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىغا ئۇچراپ، ناپاك، گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنگەندە، تىل-ھاقارەتلەر ئۇنىڭغا خۇددى پىچاقتەك سانجىلىدۇ. تېس كېيىن بىر سۈت فېرمىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، كلاي ئىسىملىك يىگىت بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ. توي كېچىسى ئۇ ساداقەت ۋە قىزغىن مۇھەببەت يۈزىسىدىن كلايغا ئۆتكەن ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كلاي ئاڭلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي قائىدە-يوسۇن ۋە ئادەتلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەي، تېسنىڭ كەچۈرمىشىگە ھېسداشلىق قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. بىرمۇنچە ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، تېس قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئېسارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، تېسنى سوت دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىدۇ.

ئاپتور بۇ روماننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسەرگە» بىر پاك ئايال «دەپ قوشۇمچە تېمىنى قوشۇپ قويغان، بۇ ئارقىلىق ئاپتور تېسنىڭ بەختسىز تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ۋېكتورىيە دەۋرىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەخلاقىغا جەڭ ئېلان قىلغان.

«نامسىز جۇد»

«نامسىز جۇد» رومانى «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» بىلەن ئىگىچە-سىڭىل رومان ھېسابلىنىدۇ. روماننىڭ باش پېرسوناژى جۇدنىڭ تەقدىرى تېس بىلەن ئوخشايدۇ. روماندا جۇدنىڭ تراگېدىيەسى ئارقىلىق، كونا ئادەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ۋە مۇۋاپىق ئارزۇلىرىنى قانداق بوغىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن، ئۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ۋە روشەن تەنقىدىي تۈسكە ئىگە.

خاردىنىڭ رومانلىرى گەرچە قائىدە-يوسۇنلارغا قارشى تۇرىدىغان دېموكراتىك خاھىشلارغا ئىگە بولسىمۇ، يەنە تەقدىرچىلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» دە ئاپتور تېس تراگېدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي سەۋەب بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاقى، قانۇنى ۋە دىنى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېسنىڭ بەختسىزلىكىنى بىر خىل سىرلىق كۈچنىڭ ئەخمەق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى، دېگەن قارىشى چىقىپ تۇرىدۇ. «نامسىز جۇد» تا يازغۇچى كاپىتالىزمنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقى، قانۇنى، دىنى ئۈستىدىن قانلىق شىكايەت قىلىدۇ، لېكىن جۇدنىڭ نىكاھ تراگېدىيەسىنى تەقدىرنىڭ قىسمىتىگە جورۇيدۇ. بۇلار ئەسەرنىڭ تەنقىدىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#