قاراكۆل كۆلى

قاراكۆل كۆلى

قاراكۆل كۆلى مۇز تاغ ئاتىسى − مۇز تاغ چوققىسىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى 191 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى قاراكۆل كۆلى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئېچىلىش ۋاقتى پۈتۈن كۈن
كىرىش بېلىتى 50 يۈەن
خەنزۇچە نامى 卡拉库里湖
تەۋە شەھەر قەشقەر
ساياھەت مەزگىلى 7-، 8-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراكۆل كۆلىقاراكۆل كۆلى، مۇز تاغ ئاتىسى − مۇز تاغ چوققىسىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى 191 كىلومېتىر، جۇڭگو ـ پاكىستان تاشيولى كۆل بويىدىن ئۆتىدۇ، بۇ يەردىن مۇزتاغ چوققىسىغا يامىشىش لاگىرى يىراق ئەمەس (پىيادە ياكى تۆگە مىنىپ ماڭغاندا، 5 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ). «قاراكۆل»، «قارا دېڭىز» دېگەن مەنىدە، بىر ئېگىز تاغ مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن مۇز كۆل. كۆل ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ھەم سىرلىق بولغان مۇزتاغ چوققىسى كۆلەڭگىسىنى تاشلاپ تۇرىدۇ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، تاغ بىلەن رەڭگى ئوخشاش، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

كۆل بويىدىكى سۇ بېشى يايلىقىدا ئوت-چۆپ مول، توپ-توپ كالا، قوي لار بار. تاجىك لارنىڭ كىگىز ئۆي ۋە ياغاچ ئۆيلىرى بار، يەنە مەخسۇس تاغقا چىقىش لاگېرى بار، كۆلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بۇلۇڭكۆل قاتناش بېكىتى بار، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ياتاق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. 

قاراكۆل كۆلى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇز تاغ باغرىدا، كۆل ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، كۆل بويىنىڭ سۇ ۋە ئوتلىرى مول، دائىم قىرغىز چارۋىچىلار بۇ يەردە تۇرىدۇ. ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، سۈزۈك كۈمۈش چوققىسى شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، تاغ ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىر گەۋدە، مەنزىرىسى سۈرەتتەك، ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ، كۆل ئەتىراپىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش پونكىتى تەييارلانغان، كىگىز ئۆي، سەيلە قولۋىقى، تۆگە، ئات قاتارلىق ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ياخشى مۇھىت شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. 

قاراكۆل كۆلىقەشقەر دىن يولغا چىقىپ قاراكۆل كۆلگە بېرىش ئۈچۈن 6 سائەت پىيادە مېڭىپ كاڭشىۋاغا كېلىپ، يەنە 5 سائەت پىيادا مېڭىپ يەنە بىر كەنىتكە بارغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا مۇزتاغ چوققىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى سۇ باش كەنتىگە 6 سائەت پىيادە مېڭىپ يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئۈچ سائەت پىيادە مېڭىپ جامبۇلاققا  يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، يەنە 3 سائەت ماڭغاندا 204 كە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قاراكۆل كۆلىگە قايتىپ كەلسە بولىدۇ. بۇ لېنىيە 7-، 8-ئايلارغا ماس كېلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#