ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ پەردىلىرنىڭ ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۇقىرى قىزىتما بولۇش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى چىدىغۇسىز ئاغرىش ۋە سېسىق پۇراقلىق، قان ئارىلاش ئاق خۇن كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ۋەرەمى رەھىم شەدىد»دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性子宫炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، بالىياتقۇ شىللىق پەردىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ شىللىق پەردىلەرنى زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، روھ ۋە قۇۋۋەتنى خورىتىپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئاسانلا ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.  

3. جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى، تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، چىللە مەزگىللىرىدە ئورگانىزمنىڭ تەبىئەت كۈچى ئاجىزلىغان ھەمدە بالىياتقۇ بوينى ئۆزى ئوچۇق، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى زەخىملەنگەن بولغاچقا جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىسا ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملار بالىياتقۇغا ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ ياكى قاننى ئوفۇنەتلەندۈرۈپ، بالىياتقۇ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  

4. خوشنا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سوزنەك، سېفلىس، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ ئۆتكۈر قوزغىلىشى سەۋەبىدىنمۇ ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

5. زەخىملىنىشىتىن بولىدۇ. سىرتقى زەربە تېگىش (ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار) ، ھەرخىل داغلاش، بالىياتقۇنى قىرىش، بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى زەخىملەنگەنلىكتىن ئاسانلا ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. بالا ھەمراھىنىڭ تولۇق تازىلانماسلىقىدىن بولىدۇ. بالىياتقۇدا قېپقالغان بالا ھەمراھىنىڭ قالدۇقى چىرىپ ئوفۇنەتلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ياللۇغنىڭ ئورنى، دائىرىسىگە ئاساسەن ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، دەسلەپكى دەۋرىدە قىزىتمىغا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، بەل-چات ئارىلىقى، يوتا قىسىملىرىدا ئاغرىش بولىدۇ. كېسەل پەيدا بولۇپ، 4 ~ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يېپىشقاق ئاق خۇن كېلىدۇ. بەزىدە قان ئارىلاش، سېسىق بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۈچلۈك بولىدۇ، بەزىدە بىماردا كۆڭۈل ئېلىشىش ئەھۋاللىرى، قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە كىندىك ئەتراپىدا ئېغىرلىق، ئېسىلىش، قىزىق بىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇ ياللۇغلىنىپ، ئىششىپ دوۋسۇن ۋە تۈز ئۈچەيگە تەسىر قىلسا قەۋزىيەتلىك، پات-پات سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بالىياتقۇ بوينى قىسقىرىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسىرى «مىزان تىپ» دا: «بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئەگەر ئىسسىقتىن بولسا، قىزىتما ئۆتكۈر بولىدۇ، تومۇر ئارقا-ئارقىدىن سالىدۇ، ئۈزمەي نەپەس ئالىدۇ، ئاشقازان ۋە مېڭىدە نورمالسىزلىق بولىدۇ، ئەگەر ياللۇغ بالىياتقۇنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە بولسا دوۋسۇن ساھەسىدە ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ياللۇغ بالىياتقۇنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە بولسا، بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. ئەگەر ياللۇغ ئىككى تەرەپتە بولسا چات ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

كېسەلگە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك چارە قىلىنسا تېزلىكتە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا سوزۇلما بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە ياللۇغلىنىش دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى بىمارلىرىدا تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، قىردۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابلىرىنى سالدۇرۇش، ئىلگىرى جىنسىي ئەزا ياللۇغلىرى بىلەن ئاغرىش ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرۈش تارىخى بولىدۇ ھەمدە يۇقىرى قىزىتما، ئاق خۇن كۆپ ھەم قان ئارىلاش كېلىش، سېسىق بولۇش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، باش ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش، جۇغ-جۇغ بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ، بەزىدە كەيپىياتى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق، تاماق سىڭمەسلىك ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تۆۋەنكى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ۋە قاڭقىتقاندا ياكى بالىياتقۇ بوينىنى ئىتتىرگەندە ئاغرىش بولىدۇ ھەم جىنسىي يولدا يىرىڭلىق، سېسىق ئاجرالمىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. 3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 1) قان رايى تەكشۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى (WBC) نىڭ سانى ئاشىدۇ. دانچىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ

 2) قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى (ESR) تەكشۈرۈلىدۇ، قان چۆكۈش تېزلىكى ESR>20mm/h)  )بولىدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 2. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ياكى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى نۇسخىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخ ھېلىلىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى گۈل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن؛ قارا ئۆرۈك شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى مۇسەپپى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخ چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى كاكىنەچ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئارپا ئۇنى، كۆك ماش، ئاق لەيلىگى، بىنەپشە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام، كافوردىن بىر گرام ئېلىپ، ھۆل يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيى ياكى ھۆل كاسىنىنىڭ سۈيى ياكى ئەرقى كاسىنى بىلەن قوشۇپ زىمات تەييارلاپ كۈندە بىر قېتىم توققۇزكۆز، بەل ساھەسىگە چېپىلىدۇ. سېرىقچېچەك قاينىتىلمىسىدا كۈندە ئىككى قېتىم، ئەتتىگەن كەچتە ئابىزەن قىلىنىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
2.ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قوقاق ياندۇرغۇچى يېمەكلىلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.
3. داۋالاشتا ئاۋۋال بالىياتقۇدا يات ماددىلار (بالا ھەمراھىنىڭ قالدۇقى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش ئەسۋابى … قاتارلىقلار) بولسا ئېلىۋېتىلىدۇ.
4. بىمار ھەيز، تۇغۇت، بويىدىن ئاجرىغان، قىردۇرغان مەزگىللەردە شەخسى تازىلىقىنى ياخشى ئىشلىشى، بەدەندە نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەل بولسا ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.
5.بىمار تىنچ يېتىپ ئارام ئېلىشى، زۆرۈر بولمىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1287

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#