ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم

ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم (ساپيور قىسىمى) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشلار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم تۈرى. ئۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم
تۈرى ھەربىي ئىشلار
تەبئىيىتى قۇرۇلۇش كاپالىتىنى يولغا قويۇش كەسپىي قىسىملار
خەنزۇچە نامى 工程兵
ھەربىي قىسىم قىسىم تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىمئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم (ساپيور قىسىمى) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشلار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم تۈرى. ئۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان. 1951-يىلى3-ئايدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ساپيور قىسىمى قوماندانلىق شتابى رەسمىي قۇرۇلدى. 1955-يىلى ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم(ساپيور قىسىمى) دەپ ئاتالدى.

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا «ئېگىز تاغدىن يول ئېلىپ، دەرياغا كۆۋرۈك سېلىپ» ، «يول ئېچىش ئاۋانگارتلىرى» دەپ تەرىپلەنگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ساپيور قىسىمى ھازىر قول مەشغۇلاتىغا خاتىمە بېرىپ، ماشىنىلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

ھازىر ساپيور قىسىملىرى ساپيور، كېمە كۆۋرۈك، ئىستىھكام قۇرۇش قىسىملىرى ۋە نىقابلانغان قىسىم قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى. 

ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىمدالىدا قۇرۇلۇش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ساپيور قىسىم − بۈگۈنكى كۈندە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاكتىپ ئارقىلىق دۈشمەن تانكىسىنى توسالايدۇ، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاكتىپ ئاپتوموبىلى بىلەن قوشۇنىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېزدىن يول ئېچىپ بېرەلەيدۇ. 

دەريا توسالغۇسىنى يېڭىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم − كېمە كۆۋرۈك سالغۇچى قىسىمغا پويىزنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالاھىدە كۆۋرۈك، جىلغىلاردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ھەربىي ئاسما كۆۋرۈك، مۇز دەرياسىدىن ئۆتۈشكە بولىدىغان مۇز ئۈستى كۆۋرۈك، سۇ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان سۇ ئاستى كۆۋرۈك سەپلەنگەن.

ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىمئۇزاق ۋاقىتقا مۆلچەرلەنگەن ئىستىھكام ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم − سېپىل قۇرۇش قىسىمىغا سەپلەنگەن قېزىش ماشىنىسى (ئېكسكاۋاتور) نىڭ قېزىپ كىرىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، بىر سائەتتە چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 130 مېتىر كېلىدىغان ئاكوپ قازالايدۇ، بۇ 165 ئەسكەرنىڭ مەشغۇلاتىغا باراۋەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تۈرتكۈچ ماشىنىسى، قاچىلاش ماشىنىسى، يول تۈزلەش ماشىنىسى، ئۆزى تۆكىدىغان ماشىنا ماسلىشىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، 10 مىنۇت ئىچىدە 800 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا يول ياسىيالايدۇ.

جەڭ مەيدانىدىكى سېھىرگەر دەپ تەرىپلەنگەن نىقابلانغان قىسىم تەبىئىي نىقابلاش، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن نىقابلاش، ئالا-بۇلىماچ نىقابلاش، چىراغ نۇرى بىلەن نىقابلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ ساختىلىق بىلەن دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرالايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#