تولغاق

تولغاق بولسا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى ۋە تولغاق باكتېرىيەلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق سەۋەب تاشقى تەسىردىن بولغان پەسىللىك كېسەللىك، ئىچكى جەھەتتىن بولسا يېمەك-ئىچمەكنىڭ پاكىز ئەمەسلىكى. 

غەرب تېبابىتى نامى تولغاق
كېسەللىك سەۋەبى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى ۋە تولغاق باكتېرىيەلىرىنىڭ قوشۇلۇشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ھەر قانداق ئادەم
خەنزۇچە باشقا نامى 肠澼、赤沃
ئاساسلىق ئالامىتى توڭۇپ تىترەش، تەرەت سۇدەك ھەم شىلىمشىق، بەزىدە قان، يىرىڭلىق كۆپ قېتىم كېلىش، قۇرۇق ئىنجىق، ماغدۇرسىزلىنىش
خەنزۇچە نامى 痢疾
تەۋە بۆلۈم ئىچكى كېسەللكلەر بۆلۇم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تولغاقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى ۋە تولغاق باكتېرىيەلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: توڭۇپ تىترەش، تەرەت سۇدەك ھەم شىلىمشىق، بەزىدە قان، يىرىڭلىق كۆپ قېتىم كېلىش، قۇرۇق ئىنجىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قارا ھېلىلە، ئارپىبەدىيان، قەنت تەڭ مىقداردا، كالا يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا ھېلىلىنى كالا يېغىدا قورۇپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تولغاقتەركىبى: سېرىقچېچەك ئۇرۇقى 10 گىرام، ئاق قىچا، ئارچا مېۋىسى، ئىسپىغۇل 30 گىرامدىن، خەشخاش ئۇرۇقى، بەزرۇلبەنجى، زىرە، كەرەپشە ئۇرۇقى، كۈدە ئۇرۇقى سەككىز گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قارا ھېلىلە، ئارپىبەدىيان ۋە قەنتتىن تەڭ مىقداردا، كالا يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كالا يېغىدا قورۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تولغاقنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر-ئىككى كۈن بولىدۇ، بۇ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ:

1. يېنىك تىپ: بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ياكى ئازراق يۇقىرى بولىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. يىنىك دەرىجىدە ئىچى سۈرىدۇ، كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. چوڭ تەرىتى سۇيۇقراق ھەم شىلىمشىق كېلىدۇ. بىراق قان ئارىلاش بولمايدۇ، ئادەتتە 3 ~ 7 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.

2. ئادەتتىكى تىپ: بىمار قاتتىق قىزىيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ℃39 ئەتراپىغا چىقىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، غالىلداپ تىترەيدۇ. ئارقىدىنلا قورسىقى ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. بىماركۈندە 10-20 قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدۇ. تەرەت سۇيۇق كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىلىمشىق ۋە قان ئارىلاش تەرەت كېلىدۇ. تولغاق بىلەن يۇقۇملىنىشى روشەن بولىدۇ(چوڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، بىراق چوڭ تەرەت قىلالمايدۇ) . دەسلەپ داۋالىغاندىن كېيىن 1 ~ 2 ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.

3. ئوتتۇرا تىپتىكى زەھەرلىنىش: ئادەتتە ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان، بەدەن ساپاسى بىر ئاز ياخشى بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ. روھسىزلىنىپ، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ ياكى بىئارام بولىدۇ. كەينى-كەينىدىن تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. چىرايى ناھايىتى تېزلىكتە ئاقىرىپ، تېرىلىرىگە چېكىت-چېكىت نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ. كالپۇكى ئاقىرىپ، كېيىن كۆكىرىپ، پۇت-قوللىرى مۇزلاپ كېتىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ. نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شوك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يوللىرى كسەللىك ئەھۋالى بىر ئاز يېنىك بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىپادىلەر بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمارلار بايقالسا، دەرھال ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش ۋە يېمەك-ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، يەسلى خىزمەتچىلىرى قەرەللىك ھالدا چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 

2. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشىلاپ، بالىلارغا تاماقتىن بۇرۇن ۋە چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش ئادىتىنى، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى پاكىزلاپ ياكى قايناتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا بارمىقىنى شوراتماسلىق، يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە قولى بىلەن يېگۈزمەسلىك، پاكىز بولمىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى يېگۈزمەسلىك كېرەك.

3. بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى بايقالسا، بالىنىڭ تەرىتىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن داۋالاشنى كۈچەيتىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش، بىمارغا نىسبەتەن خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېتەرلىك سۇ تولۇقلاپ، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بىماردا قاتتىق قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال ۋاقتىدا قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#