ئىقتىسادىي ئۈنۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەگەر ئەمگەك سېلىنمىسى ئوخشاش، ئەمما ھاسىلات نىسبەتەن كۆپ بولسا، ئەمگەك سەرپىياتى ئوخشاش، بىراق نەتىجىسى نىسبەتەن چوڭ بولسا ياكى ھاسىلات ئوخشاش، ئەمگەك سەرپىياتى نىسبەتەن ئاز بولسا، نەتىجە ئوخشاش، بىراق ئەمگەك سەرپىياتى نىسبەتەن ئاز بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ نىسبەتەن ياخشىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەكسىچە بولسا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ نىسبەتەن ناچارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىقتىسادىي پائالىيەتتە، سېلىنما بىلەن ھاسىلات، سەرپىيات بىلەن نەتىجە ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان كۆرسەتكۈچلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، سېلىنما ۋە سەرپىيات ئادەتتە مەبلەغ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى ۋە ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك مەبلەغ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى ۋە ئەمگەك ۋاقتىنىڭ سەرپىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھاسىلات ياكى نەتىجىمۇ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مىللىي دارامەت، پايدا قاتارلىق كۆپ خىل كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھەم مەملىكەت دائىرىلىك، ھەم رايون دائىرىلىك بولىدۇ، كارخانا دائىرىسىدىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ماكرولۇق ۋە مىكرولۇق پەرقىگىمۇ ئىگە. بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بىر كارخانا ياكى بىر رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن؛ ئەكسىچە، بىر خىل ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى پۈتۈن مەملىكەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم كارخانا ياكى رايونغا نىسبەتەن ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بولىدۇ، لېكىن جەمئىيەت ئىقتىسادى يەنىلا ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈك بولغاچقا، مىكرولۇق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا، ماكرو ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن مىكرو ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، قىسمەنلىك ئومۇمىيلىققا بويسۇنۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى، ھالبۇكى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۈپ يولى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.