كۆكسۇلتان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۆكسۇلتان (خام دورا)
  2. كۆكسۇلتان ()
خام دورا

كۆكسۇلتان

كۆكسۇلتان

كۆكسۇلتان ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى پەسەيتىش، قەينى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۆكسۇلتان
شەكلى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 李子
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىنيىنچە يېزىلىشى lǐ zi

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكسۇلتان ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، شاخچىلىرى تۈكسىز، سارغۇچ قىزىل رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇچى قىسقا، كەينى ئىنچىكە، ئاساسىي قىسمى شىنا شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشى شەكىللىك، كۆچەت ۋاقتىدا چىشلىرى ئۇچىدا تۈگۈرچەك بولىدۇ؛ گۈلى ئاق رەڭلىك، ئۇچى بىر توپ بولۇپ ئۆسىدۇ، گۈل چىنىسى كانايسىمان، گۈل چىنىسى، يوپۇرماقچىسى ۋە گۈل بەرگى ھەممىسى بەشتىن، گۈل بەرگى سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان؛ مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، بويىغا چوڭقۇر ئىز بار بولۇپ، سېرىق، يېشىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ ئۈچكىسىدە ئۇششاق قورۇقلار بار.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە دەرەخ يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى تازا پىشقاندا، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە يېلىمىنى كەچ ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى پەسەيتىش، قەينى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆكسۇلتان مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۇكسۇلتان يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. كۆكسۇلتان يېلىمىنى چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچنى كۆپەيتىپ، پارقىرىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#