كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملاش ۋاقىتلىق چارىسى

كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملاش ۋاقىتلىق چارىسى

كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملاش ۋاقىتلىق چارىسى 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ گ چ [1995] 4-نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملاش ۋاقىتلىق چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 仲裁委员会登记暂行办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كېسىم قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ) غا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملىغۇچى ئورگاندۇر.

3-ماددا كېسىم ھەيئىتىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە تەسىس قىلىشقىمۇ، ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقا رايونلۇق شەھەرلەردە تەسىس قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مەمۇرىي رايونلار بويىچە قاتلاممۇ-قاتلام تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ.

تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشتا، تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىش لازىم؛ تەسىس قىلىشنى تىزىملاتمىغانلارنىڭ كېسىم قارارى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ.

تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشتا، تىزىملاش ئورگىنىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش لازىم:

(1) كېسىم ھەيئىتىنى تەسىس قىلىش ئىلتىماسى؛ 

(2) كېسىم ھەيئىتىنى قۇرغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كېسىم ھەيئىتى تەسىس قىلىش ھۆججىتى؛ 

(3) كېسىم ھەيئىتىنىڭ نىزامنامىسى؛

(4) زۆرۈر راسخوت ئىسپاتى؛

(5) كېسىم ھەيئىتى تۇرۇشلۇق جاي ئىسپاتى؛

(6) تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلغان كېسىم ھەيئىتىنىڭ تەركىبىدىكىلەرگە بېرىلگەن تەكلىپنامىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى؛

(7) تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلغان كېسىمچىلەرنىڭ تىزىملىكى

4-ماددا تىزىملاش ئورگىنى موشۇ چارىنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە، تەسىس قىلىش شەرتىگە ئويغۇن كېلىدىغان كېسىم ھەيئىتىنى تەسىس قىلىشنى تىزىملىشى ھەمدە تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشى لازىم؛ تەسىس قىلىش شەرتىگە ئويغۇن كەلسىمۇ، ئەمما تاپشۇرغان ھۆججەت مۇشۇ چارىنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تۇلۇقلاپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن تىزىملىشى لازىم؛ مۇشۇ چارىنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى تىزىملىماسلىقى لازىم.

5-ماددا كېسىم ھەيئىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، تەشكىلىي خادىملىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىنكى 10كۈن ئىچىدە، تىزىملاش ئورگىنىغا كېلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزگىرىش ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى لازىم.

6-ماددا كېسىم ھەيئىتى ئاخىرلىشىشنى قارار قىلغاندا، تېزىملىغۇچى ئورگانغا كېلىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم. 

كېسىم ھەيئىتى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، تىزىملىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ھۆججەت ياكى گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئىلتىماسى؛

(2) كېسىم ھەيئىتى قۇرغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كېسىم ھەيئىتىنى بىكار قىلىشقا قۇشۇلغانلىق ھۆججىتى؛

(3) ئالاقىدار ئورگان ئېتىراپ قىلغان ھېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى؛

(4) كېسىم ھەيئىتىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى.

7-ماددا تىزىملىغۇچى ئورگان مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھۆججەت، گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە، ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن كىسىم ھەيئىتىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشى، كېسىم ھەيئىتىنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم.

8-ماددا تىزىملىغۇچى ئورگاننىڭ كېسىم ھەيئىتىنى تەسىس قىلىشنى تىزىملىشى، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشى تىزىملىغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنى ئوچۇق ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

كېسىم ھەيئىتىنىڭ تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولۇپ تۈزۈپ باستۇرىدۇ.

9-ماددا كېسىم قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە شۇنداقلا باشقا رايونلۇق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان كېسىم ئاپپاراتلىرىنى، كېسىم قانۇنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇش ھەمدە مۇشۇ چارە بويىچە تەسىس قىلىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش لازىم؛ قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرمىغانلار كېسىم قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقاندا ئاخىرلىشىدۇ.

كېسىم قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان، كېسىم قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا كېسىم ئاپپاراتلىرى كېسىم قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.

10-ماددا بۇ چارە 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

قانۇن-نىزام ئامبىرى

http://china.findlaw.cn/fagui/p_1/352179.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#