پىننە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پىننە ()
  2. پىننە (ئۆسۈملۈك)
پىننە

پىننە  ئۆسۈملۈك باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەتبۇلۇپ،  باھنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى پىننە
ئەرەبچە نامى نەئنائ، پۇدىنەج
ئىنگلىزچە Wrinkled Guanthyssop Herb
شەكلى رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭدە
چىقىش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
خەنزۇچە نامى 霍香
پارسچە نامى ھىزارپايە
ئوردۇچە نامى پۇدىينە
تەمى ئاچچىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىننەپىننە  ئۆسۈملۈك باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە تەۋە. رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭدە.  تەمى ئاچچىق بولۇپ، خۇش پۇراق كېلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋالىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، بەدەننى قىزىتىش، كۆڭۈلگە خوشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سوغۇق ماددىلارنى تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇۇرش، باھنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

پىننەئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

 يەل پەيدا قىلىدۇ، گالنى قىچىشتۇرىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

باكتېرىيىگە، زەمبۇرۇغقا قارشى تەسىرى بار.

پىننە1. پىننە 10 گرام قاقىلە، بەدىيان، ئوغرىتىكەندىن ئېلىپ سوقۇپ چايلىق قىلىپ ئىچىپ بەرسە، تولا ھېق تۇتۇشقا شىپا بولىدۇ.

2. پىننە 60 گرام، ئانار شەربىتى، بىھى شەربىتى 250 گرامدىن،قاقىلە ، لاچىندانە 30 گرام ئېلىپ، شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

3. پىننە 10 گرام، سانا، بادام مېغىزى ، خىيارشەنبەر 15 گرام ئېلىپ مەتبۇخ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈك باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپى

مىقدارى

6 ~ 3 گرام

ساقلاش

كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك

تۈزەتكۈچىسى

كەرەپشە، نىلۇپەر، بىنەپشە 

ئورۇنباسارى

يالپۇز (پۇدىنە)، پىلپىل، زىرە

پىننە گۈلقەنتى، نارپىننە شەربىتى

ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، يۈرەك ئاغرىقى، ھېق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، سۈيدۈك، ھەيز راۋان بولماسلىق، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش، باھ ئاجىزلىقى، بوۋاسىر، ئۇرۇقدان ئىششىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسلىقى ئۇچۇچان ماي بار، ئۇنىڭدىن باشقا مېتىل خاۋىكول (Metyl chvicol)، بۇ %80 تىن يۇقىرى، ئانېتول (Anethole)، ئانىس ئالدىھىد  (Anisaldehyde) قاتارلىقلار بار.

پىننەپىننىدىن 12 گرام، ياۋا رەيھاندىن 10 گرام، يالپۇزدىن سەككىز گرام، نوقۇتتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام پىننىنى 12 گرام زۇلفا، سەككىز گرام بەيجىژ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياز كۈنلىرىدىكى زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

پىننىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئاشقازان ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 35 گرام پىننىنى 16 گرام رەۋەن، 12 گرام تۆمۈر سۇلفات، 15 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل بىلەن بىللە يارما قىلىپ، بىر كىلوگرام ئاچچىقسۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت دورا سۈيىگە ئاغرىق جاينى چىلاپ بەرسە، پۇت-قول تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

  1. ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى
  2. ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=211

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#