كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى

كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى

كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بولسا كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى، سىياسەت بەلگىلەش باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئېنېرگىيە.

ئۇيغۇرچە نامى كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى
خەنزۇچە نامى 企业科学技术协会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئومۇمى قانۇن» نىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا: «كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بولسا كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئوز مەيلى بويىچە تەشكىللەنگەن ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى بولسا كارخانىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش باشقۇرۇش قاتلىمى، كارخانا پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كۆۋرۈكى ۋە ئالاقىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ، كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش،تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» دېيىلگەن.

1. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بولسا كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى، سىياسەت بەلگىلەش باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. مانا بۇ شۇنى ئايدىڭلاشتۇردىكى كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىياسىي جەھەتتە، تەشكىلى جەھەتتە كارخانا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. خىزمەت جەھەتتە كارخانا باشقۇرۇش،سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى چوقۇم پارتىيەنىڭ فاڭجېن سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

2. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بولسا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. «كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئومۇمى قانۇن» نىڭ بەشىنچى ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرى، باشقۇرغۇچى خادىملار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلىق خادىملار، كارخانا پەن-تېخنىكا قائىدە نىزاملىرىنى تونۇشى ۋە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۆزى ئىلتىماس قىلسا كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن تەڭ ئەزا بولالايدۇ. بۇ بىر خاراكتېرنىڭ ئىپادىلىنىشى، كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تېمىسى كارخانا پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرى. بۇ كارخانىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بار بولۇپ، كارخانىنىڭ مەمۇرىي ئورنىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن خىزمەت ئۇسۇلىدا ئوخشىماسلىقلار بار. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ نىشانى «چوڭ بىرلىشىش، چوڭ ھەمكارلىشىش، ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، دىموكراتلاشتۇرۇش، ھەرىكەت شەكلىدىن پايدىلىنىش سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلىپ، ھەممە بەس-بەس بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش» فاڭجېنىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.

3. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كارخانىنىڭ سىياسىي ئورنى كارخانا پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كۆۋرۈكى ۋە ئالاقىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ، بىر تەرەپتىن كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كارخانا پارتىيە سىياسەت ئورنىنىڭ مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا كارخانا پارتىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم  ۋەزىپىسىنى كەڭ كارخانا پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرىغا خەۋەر قىلىدۇ. پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئىدىيەسىنى، ھەرىكىتىنىڭ پارتىيە سىياسەت ئورنى بىلەن بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى ۋە باشقۇرۇش سىياسەت قاتلىمىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلاشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كەڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا خىزمەت قىلىدۇ. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئارزۇسىنى، تەلىپى بىلەن تەكلىپىنى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداپ، دەرھال پارتىيە سىياسەت ئورنىغا ئىنكاس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دۆلەتنى سۆيىدىغان، كارخانىنى سۆيىدىغان، ئورنىنى سۆيىدىغان، خوجايىنلىق روھىنىڭ تولۇق نامايان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

4. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بولسا كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئېنېرگىيە. ئۇزۇندىن بېرى كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كارخانا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندا ئىلىم-پەن توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش خىزمىتىگە بولغان ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى. ئۇ ئاللىقاچان كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ بولدى. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئېنېرگىيە ھېسابلىنىدۇ. كارخانا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، كەڭ كۆلەملىك ئىتتىپاقلىشىپ، كەڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى بىلەن سوتسىيالىستىك تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ ھەمدە جارى قىلدۇرساق ئۇ ھالدا بىز كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغان بولىمىز.

«كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئومۇمىي قانۇن» نىڭ ئۈچىنچى ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كارخانا خادىملىرىنىڭ، ئىشچىلىرىنىڭ پەننى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.»

كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى  ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن داۋاملىق تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش تەرەققىيات نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كارخانا ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا كوللېكتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ  ھەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىپ، تېخنىكىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تېخنىكىلىق مۇلازىمەت، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، ئومۇملاشقان پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى، ئاممىۋىلاشقان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، «جەمئىيەت تەشكىلى ئومۇمى قانۇنى» غا ئاساسەن «ئۈچ خىزمەت» نىڭ تەلىپى بويىچە، كارخانا تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى.

1. پەن بىلەن تېخنىكىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛

2. پەن-تېخنىكا ئومۇملاشقان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛

3. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن تېخنىكىلىق مەسلىھەت سوراش پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛

4. ئىلغار بولغان كارخانىنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ھاۋالە قىلىشقا قاتنىشىشنى قوبۇل قىلىش كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ خىزمەتكە ماسلاشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش، تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئىلىپ بىرىش؛

5. كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەكلىپى، كۆز قارىشى بىلەن تەلىپى ئىنكاس قىلىنسا، كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىدۇ، كارخانىنىڭ ئەخلاقىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛

6. كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قارمىقىدىكى دۆلەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە كىرىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەر قايسى دەرىجىدىكى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش، كوللېكتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي، ئەقلىي قابىلىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

7. كارخانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۆت نۇقتا

1. كارخانىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتى بولسا كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

تېخنىكا مەسىلىلىرىدىكى قىيىن نۇقتا بىلەن  مۇھىم نۇقتا بولسا كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بولغان بوغما ھالەتنى شەرت قىلىدۇ، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈستۈنلۈك دائىرىسى ئىپادىلەيدۇ. كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى مۇھىم نۇقتا بىلەن قىيىن نۇقتىنى چۆرىدەپ، كارخانىدىكى خادىملارنىڭ تېخنىكىدىكى مۇھىم ھالقا بىلەن ئورتاق خۇسۇسىيەتنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن تېخنىكىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تېخنىكىدا تۈر تۇرغۇزۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات بىلەن ئىشلىتىش جەھەتتىكى بارلىق ئىجادىيەتلەرگە بولغان  تىرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاممىنىڭ مۇھىم بولغان روھىي ھالىنى تولۇق ھۆرمەت قىلساق، ئاممىۋىلاشقان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرساق، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئاممىۋىلاشقان يېڭىلىق  يارىتىشنى بىرلەشتۈرسەك، كىچىكرەك ئىسلاھات، كىچىكرەك كەشپىيات، كىچىكرەك ئىجادىيەت قاتارلىق ئاممىۋىلاشقان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەشكىللەپ قانات يايدۇرساق، پائالىيەتنىڭ شەكىللىرىنى كېڭەيتسەك مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بولغان بولاتتى. كارخانىنىڭ باشقۇرۇلۇشى بىلەن تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلىسەك، مۇكەممەل بولغان جەمئىيەتنى، مۇتەخەسسىسنى كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىدىن مەسلىھەت بىرىش تور سىستېمىسىغا تايىنىپ قۇرۇپ چىقساق، كارخانىنىڭ پەن-تەتقىقات ئورنى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي تېخنىكوملار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى كارخانىغا ياردەملىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى. كارخانا پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا مۇناسىپ بولغان پەن-تېخنىكا تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشىغا ياردەملەشسەك، يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى كارخانىغا ئىلىپ كىرەلەيمىز. دەلىل ئىسپاتنى مۆلچەرلەش، پىلان كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىلمىيلاشتۇرۇش، دىموكراتلاشتۇرۇش سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

2. پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولسا كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە سىياسىتى بىلەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوخشاشلا كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى بۇرچى قىلىپ چىقساق، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پارتىيە سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇراقلىق بولغان توسالغۇسىز ئۆتۈشمە يولنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش، ئۆز ۋاقتىدا پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا تەكلىپ بېرىش، پىكىر بېرىش بىلەن ئەرز قىلىشنى ئىنكاس قىلىپ، كارخانا خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداپ تۇرۇش كېرەك. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قوشماق بولۇش، دوست بولۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەش خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئورنىنىڭ تەلىپى، ساپاسىنىڭ تەلىپىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆپ خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن كەسپىي قابىلىيەتنى ئاساس قىلىپ داۋاملىق تەربىيەلىنىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانا پەن-تېخنىكا بىلىمىنى  تېزلىك بىلەن يېڭىلاپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتايلى.

3. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ بارلىق خادىملىرى ئۈچۈن پەننىي ساپا مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، 

خادىملارنىڭ پەننىي ساپاسى بولسا كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يۇقىرى ساپالىق خادىملار قوشۇنى بولسا كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي ھەم مۇھىم ھالقىسى. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىي كۈچىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىلمىي تېخنىكا ئومۇملاشقان قانۇن» بىلەن «ئومۇمىي خەلق ئىلمىي ساپا پىلانىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش» نى ئەستايىدىللىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پارتىيە سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنى قاتناشتۇرۇپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ» پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،  پائالىيەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، پەننى چارە تەدبىرنى، پەننى ئاڭنى، پەننى مەنىۋى تەلىم تەربىيەنى، خادىملارنىڭ پەننىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا خادىملىرىغا زىت ھالدا ئۆزىگە خاس بولغان ساپا ھالىتىنىڭ تەلىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،پەن-تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەلىم-تەربىيە، تەشكىللەپ يولغا قويۇش. ھەرخىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ «ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش» نى ئاساسى تېما قىلىپ چۆرىدىگەن ھالدا يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىش، يېڭى ھۈنەر سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش،يېڭى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، يېڭى ئۆلچەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شەكلى ھەرخىللىقنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، مەزمۇنى مول بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كارخانىغا ئىلىپ كىرىپ، سېخقا ۋە سىنىپقا ئىلىپ كىرىپ تېجەش ۋە خوراشنى تۆۋەنلىتىش، قىسقارتىپ چىقىرىۋېتىش، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال بولغان ئىقتىسادنى كۆرسەتكۈچ قىلىپ تۇرۇپ، تۆھپە قوشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، كارخانىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەھسۇلاتلارنى سېتىش پائالىيىتىنى جەمئىيەتتىكى خەلقنى يۈزلەندۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ پەن-تېخنىكا ھەپتىلىكى ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

4. «پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئائىلىسى» نى قۇرۇپ، ماسلاشقان كارخانا مۇلازىمىتىنى قۇرۇپ چىقىش.

كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ بارلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن چۈشۈش نۇقتىسى بولسا «پەن-تېخنىكا خادىملىر ئائىلىسى» نى قۇرۇپ چىقىش، ماسلاشقان كارخانا قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، غەمخورلۇق بىلەن پىسخىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىغا، باشقىلار ۋە جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ قىيىنچىلىققا ۋە ئوڭۇشسىزلىققا، شان-شەرەپكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، پەننى ئەخلاق قائىدىسىگە ئۆزلۈكىمىزدىن رىئايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى كونترول قىلىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش، ئەقىلىنى توختىتىش، ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك ياخشى بولغان پىسخىكىلىق ھالەتنى يارىتىپ، ماسلاشقان كارخانا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى. ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، پاتېنتنى ئىلتىماس قىلىش، بىلىم ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش، قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار بولغان كارخانا پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، سايلاش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش،تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەقەت پەن-تېخنىكا خادىملىرى چىن كۆڭلى بىلەن پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى دەپ بىلسە، كۆڭلىدە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئورنى بولسا ئاندىن پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كارخانىدا مۇستەھكەم بولغان ئورنى بولىدۇ. پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولغان «پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئائىلىسى» بولالايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#