ئۆمرى ئۇزۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە بەدىنى چوڭراقلىرىنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن. مەسىلەن، شىرنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 30 يىل؛ ئېيىقنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 34 يىل؛ بېگېموتنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 41 يىل؛ كەركىداننىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 47 يىل بولىدىكەن. پىلنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولۇپ، 69 يىلغا يېتىدىكەن.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بېگموتئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەدىنى چوڭراق ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ؟
ئالدى بىلەن، مەسىلەن شىر، ئېيىق، كەركىدان، پىل قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنى چوڭ، مىجەزى چۇس، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئوڭايلىقچە باشقا ھايۋانلارغا بوزەك بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلار يىرتقۇچلۇقتا تەڭداشسىز بولغاچقا، ئولجىلىرىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانپىل بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنى چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتلىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. مەسىلەن، پىل بالىسىنىڭ سۈت ئېمىش ۋاقتى 20 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. 18 ياشقا كىرگەندىلا ئاندىن ھەققىي يېتىلىدۇ. پىل ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 120 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.
بەدىنى مەيلى چوڭ ۋە ياكى كىچىك ھايۋان بولسۇن، مۇنتىزىم بېقىش مۇھىتىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى سىرتقى مۇھىتتا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.