قوغۇن سەيلىگاھى

قوغۇن سەيلىگاھى

 قۇمۇل قوغۇن سەيلىگاھى قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسىدىكى قاراتال كەنتىدە بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر كېلىدۇ. قوغۇن سەيلىگاھىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ 511 مو بولۇپ، كىرىش ئېغىزىدا غەربىي رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

نامى قوغۇن سەيلىگاھى
جۇغراپىيەلىك ئورنى قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىدىكى قاراتال كەنتى
تەۋە رايون شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوغۇن سەيلىگاھى قۇمۇل قوغۇن سەيلىگاھى قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسىدىكى قاراتال كەنتىدە بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر كېلىدۇ. قوغۇن سەيلىگاھىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ 511 مو بولۇپ، كىرىش ئېغىزىدا غەربىي رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە خاس قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىر تۇر، ئىككى تەرىپىدە ئېگىز، ھەيۋەتلىك كۆزىتىش مۇنارى بار. قۇمۇل قوغۇن سەيلىگاھى قوغۇنلۇق، قوغۇن مەدەنىيەت مۇزېيى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت كوچىسى، يېمەك – ئىچمەك، سودا – سېتىق كوچىسى، مەدەنىيەت، ئاسار ئەتىقە ۋە تەبىئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ساياھەت ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

قاراتال كەنتىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت بولغاچقا، تارىختا قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ ئاساسلىق خان سوۋغات قوغۇنلۇقى ئىدى. كاڭشىنىڭ 37 – يىلى يەنى مىلادىيە 1698 – يىلى قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق ئەمەلدارى ئەبەيدۇللا تارخانبەگ كاڭشى خاننىڭ ئۆزىگە قىلغان شەپقىتىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قۇمۇلنىڭ قەلەمتىراچ، بىلەي، چىلان، قوغۇن قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ خانغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان. خان ئوردىسىنىڭ يېڭى يىلدىكى سالام – تەزىم مۇراسىمىدا، ۋەزىر – ۋۇزرالار تاتلىقلىقى ھەسەلدەك، چۈرۈكلۈكى ئامۇتتەك، ئەزەلدىن يەپ باقمىغان بۇ ئاجايىپ مېۋىنى تېتىپ كۆرۈپ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاشقان. كاڭشى خانمۇ قوغۇننىڭ تاتلىقلىقىدىن ھەيرانۇ – ھەس بولۇپ، بۇ مېۋىنىڭ نامىنى، قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋەزىر – ۋۇزرالاردىن سۈرۈشتە قىلغان. بۇ چاغدا ۋاسسالار مەھكىمىسىنىڭ بېگى بورساي خانغا: كەمىنىلىرى يىل بېشىدا يارلىققا بىنائەن قۇمۇلغا بارغانىدىم، قۇمۇلدا تېرىلغان بۇ مېۋىنى كۆرۈپ، خان ئالىيلىرىغا سوۋغا قىلساڭلار بولغۇدەك دەپ تەكلىپ بەرگەنىدىم، ئۇنىڭ نامىنى نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبەيدۇللا سەل ئالاقزادىلىك بىلەن ئالدىغا چىقىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ: بۇ قۇمۇلدا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن قوغۇن بولۇپ، قۇللىرىنىڭ سوۋغىسى، بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى قوغۇن دەپ ئاتايمىز، يۇرتىمىز قۇمۇل دەپ ئاتىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن. كاڭشى خان بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەمنۇن بولغان ھالدا: قوغۇننىڭ چىققان جايى قۇمۇل ئىكەن، بىز ئۇنى قۇمۇل قوغۇنى دەپ ئاتايلى، دېگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قوغۇن پۈتۈن مەملىكەتتە كاتتا شۆھرەت قازىنىپ، قۇمۇلنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، قۇمۇل خان سوۋغات قوغۇنچىلىقىنىڭ 13 – ئەۋلاد ۋارىسى نىياز قاسىم ئائىلىسى ھېلىھەم قاراتال كەنتىدە قوغۇن تېرىش – يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانىدۇ.

قۇمۇل قوغۇن سەيلىگاھىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا ياسالغان مىللىي ئۆرپ – ئادەت كوچىسىدا قۇمۇل مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ كوچىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 780 مېتىر، كوچا بويىدا 34 ئائىلە بار، يول بويىغا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت كارىدورى، پېشايۋانلار ياسالغان. ساياھەتچىلەر بۇ كوچىنى ساياھەت قىلىش ئارقىلىق قۇمۇلنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى كۆرەلەيدۇ، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆرپ – ئادەت، يېمەك – ئىچمەك، سودا – سېتىق مەدەنىيەت خاسلىقلىرى بىلەن تونۇشالايدۇ.

ھەر يىلى 7 – ئايدا قۇمۇل قوغۇن سەيلىگاھىدا قوغۇن بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساياھەتچىلەر قوغۇن مەدەنىيەت مۇزېيى، خان سوۋغات قوغۇنچىلىقىنىڭ 14 – ئەۋلاد ئىزباسارى يالقۇنجان نىيازنىڭ قوغۇنچىلىق مەدەنىيەت ئۆيى ۋە ئائىلە قىرائەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ قۇمۇل قوغۇنچىلىق مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، قۇمۇل قوغۇنچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ، ھەمدە ‹‹جاغدا››، ‹‹قاراقاش››، ‹‹كۆكچى›› قاتارلىق 150 خىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى ۋە يېڭى سورتلۇق قوغۇنلۇقلارنى سەيلە قىلغاچ، قوغۇنلارنى ئۆزى ئۈزۈپ يېيەلەيدۇ. سەيلەبۇس، خادىكقا ئولتۇرۇپ ياكى پىيادە يۈرۈپ بىپايان قۇملۇقتىكى ‹‹مايمۇن بۇلاق›› سۈيىنى ئىچىپ ھۇزۇرلانغاچ، 1000 يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە قاراتال تۇرى ۋە دۇنيا خاتىرىلەش جەمئىيىتى ‹‹تەڭداشسىز قوغۇن›› گۇۋاھنامىسى بەرگەن ئۇزۇنلۇقى 13.9 مېتىر، ئېگىزلىكى 8 مېتىر، دىيامېتىرى 7.5 مېتىر كېلىدىغان خان سوۋغات جاغدا قوغۇن مودېلىنى تاماشا قىلالايدۇ.[0]

   

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#