لايدا ئىشلەنگەن گۈللۈك لېگەن
لېگەن - ئۇيغۇرلارنىڭ پولو، دۈڭلە قاتارلىق تاماقلىرىنى ئالىدىغان چوڭ قاچىسى


چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېگەن - ئۇيغۇرلارنىڭ پولو، دۈڭلە قاتارلىق تاماقلىرىنى ئالىدىغان چوڭ قاچىسى

بىز قاچا ــ قۇچا بويۇملىرى دېگەندە ، ئىنسانلار تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلەتكەن قازان ، چۆمۈچ ، چىنە ، تەخسە ، لېگەن ، ئاياق ، تەڭلە ، كورا ، كوزا ، ئىۋىرىق ، كاپكى ، چەينەك ، چۆگۈن ، ئاپتۇۋا-چىلاپچا ، سوغا ، قاپاق ، نوگاي ، داس ، قوشۇق ، چوكا ، كۈپ ، تەشتەك قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىمىز .

    بۇنىڭ ئىچىدە لېگەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئىستېمال قىلىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن پولۇ ئەنە شۇ لېگەن ئارقىلىق ئەزىز مېھمانلارغا تارتىلىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇيغۇرلار پولۇ ئېشىنى قاچاندىن بۇيان ئىستېمال قىلىشغا باشلىغان بولسا ، لېگەنمۇ شۇچاغدا ئىجاد قىلىنغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ .

    لېگەنلەر ئىچىدە لايدا ئىشلەنگەن لېگەنلەرنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن . ئۇ ئىنسانلار تېخى پولات ، مىس ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، قاتارلىق مېتاللارنى ئېرىتىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىگەن چاغلاردا بارلىققا كەلگەن . بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان لېگەننىڭ تارىخى پولاتنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېيىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ دەل شۇ .  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#