شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى

پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى 1997–يىلى 10–ئاينىڭ 11–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009–يىلى 3–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997–يىلى 10–ئاينىڭ 11–كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区科学技术协会条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام شىنجاڭنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى (تۆۋەندە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى دېيىلىدۇ) نىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلق تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت پەن-تېخنىكاخىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

3-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خىزمىتىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق تۈرلەردە ھالقىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كەلگۈسىگە يېتەكلەش يېتەكچى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە كېڭەيتىشكە، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىختىساسلىق پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېتىلىشىگە، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى؛ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيلىكقۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

4-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنى دېموكراتىكباشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمىتىدە ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا قانۇن-نىزاملارغا ۋە ئۆزىنىڭنىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

2-باب تەشكىلىي ئاپپاراتى

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى تەڭ دەرىجىلىكئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى (تۆۋەندە ئىلمىي جەمئىيەت دېيىلدى) دىن ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

6-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) پەن –تېخنىكا جەمئىيىتى كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلتىيىدا دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تۆۋەن دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

7-ماددا يېزا (بازار)، كوچا، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار قۇرغان پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ شەھەر، يېزىلاردا ئاممىۋى پەن-تېخنىكا ئەمەلىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئۇلارغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن– تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۆپرەك توپلاشقان جايلار ۋە ئورۇنلاردا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتى قۇرۇپ، تورنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

3-باب خىزمەت مەسئۇلىيىتى

8-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ھەر مىللەت پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم، كوللېكتىۋىزم تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشى، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىزدىنىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئىلمىي روھنى ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ھالال ئەمگەك قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان كەسىپ ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىشى، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

9-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى دېموكراتىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىر، تەكلىپى ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىشى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە پەن– تېخنىكا تەشكىلاتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئىلىم-پەننىڭ ئىززىتىنى ساقلىشى، ئىلىم ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

10-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانى،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانى، سىياسەت، نىزام تۈزۈشكە قاتنىشىشقا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر بىلەن تەشكىللىشى لازىم.

پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پەن– تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

11-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ۋە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلمىي دەلىللىشى ۋە بۇ جەھەتتە تېخنىكا مەسلىھەتى، پىكىر ۋەتەكلىپ بېرىشى كېرەك.

12-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر دۆلەت ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئالاقىدار ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسى سالاھىيىتىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭغا ئىسپات بېرىش، پەن-تېخنىكا تۈرى نەتىجىسىنى باھالاش، تېخنىكا ئۆلچىمىنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش قاتارلىق ئىشلارغا قاتنىشىشقا ياكى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا تەشكىللەيدۇ ياكى تونۇشتۇرىدۇ.

13-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، ئىلمىي تەشكىلاتلار ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىچكى-تاشقى ئەلئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا ۋە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

14-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۆپ قاتلام، ھەر خىل شەكىلۋە كەسىپلەر بويىچە قانات يايدۇرۇپ، نادىر ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاپ، مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنى تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى، كەسىپ سەۋىيىسى ۋە ئىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

15-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا دائىملىق، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلمىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، فېئودال خۇراپىيلىققا ۋە ساختا پەنگە قارشى تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

16-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئالاقىدارتارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

17-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى يېزا (بازار)، كوچا (مەھەللە) لەردىكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتى، يېزىلاردىكى كەسىپ تېخنىكا جەمئىيىتى، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىلغار، ياراملىق تېخنىكىنى كېڭەيتىشىگە، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلاردىكى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

4-باب كاپالەت تەدبىرى

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە نىشانىنى باھالاش قاتارىغا كىرگۈزۈپ ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

20-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىلىم ئالماشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى شۇ جاينىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەم ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

21-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يېزا– قىشلاقلاردا پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى، چەت، ياقا ۋە نامرات رايونلارنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىقمىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، كىنو-تېلېۋىزىيە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

22-ماددا ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، خادىم، خىراجەت ۋە پائالىيەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەم قارىمىقىدىكى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

23-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس خادىملىرى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى تەڭ دەرىجىلىك خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىسى بويىچە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش ۋە تەكلىپ قىلىش جەھەتتە، مائاش-پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى باشقا خادىملاربىلەن تەڭ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

24-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىراجەت مەنبەسى:

(1) ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان پۇل؛

(2) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، شەخسلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي ياردىمى، ئىئانىسى؛

(3) كوللېكتىپ ئەزا تاپشۇرغان ئەزالىق بەدىلى؛

(4) قارىمىقىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تاپاۋەت كىرىمى ۋە ھەقلىق مۇلازىمەت كىرىمى؛

(5) باشقا قانۇنلۇق كىرىم.

25-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە مالىيىدىن ئاجرىتىلىدىغان پۇلنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈشى ھەم يىلمۇ-يىل كۆپەيتىشى؛ نامرات جايلارنىڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە مالىيىدىن پۇل ئاجرىتىپ مەدەت بېرىشى لازىم.

26-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەقلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا؛ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ جامائەت مۇلازىمەت فۇنكسىيىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىنى، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى باھالاش ۋە پەن-تېخنىكا بويىچە مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا؛ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش فوندى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش فوندى ۋە مۇكاپات فوندى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

27-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى خىراجەت ئىشلىتىشتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى ھەم تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن –تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدە ۋە پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

29-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە زىيان سالغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

30-ماددا ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغانلار؛

(2) پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تەشكىلاتنىڭ نامىنى سېتىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(3) پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى پەن-تېخنىكا تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت ۋە پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى قانۇنسىز چەكلىگەنلەر؛

(4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا قىلغانلار؛

(5) پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىراجىتىنى خىيانەت قىلغان ياكى ئىشلىتىۋالغان، قىسىپ قالغان، تۇتۇپ قالغانلار؛

(6) پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

31-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەشكىلاتى ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۈستىدىن ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ياكى ئالاقىدار تارماققا بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

32-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553685.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#