شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى

1958-يىلدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى ئاساسىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى ئاساسىدا 1960-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە نامى 新疆艺术学院
قۇرۇلغان ۋاقتى 1958-يىلى
داڭلىق مەكتەپداشلار دوڭ لى يا
ئادرېسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 734 - نومۇر
بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى
قىسقاتىلغان نامى سەنئەت ئىنستىتوتى
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
مەكتەپ مۇدىرى تەلئەت تۇردى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى1958-يىلدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى ئاساسىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى ئاساسىدا 1960-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962-يىلى يەنە شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. 1987-يىلى 5- ئايدا مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا رەسمىي ھالدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال تولۇق كۇرسلۇق سەنئەت مەكتىپى بولۇپ قالغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە قارايدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى 1958 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى، 1960 - يىلى دەرىجىسى ئۆسۈپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى بولغان. 

1962 - يىلى، شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى تەڭشەلگەن. 

1987 - يىلى، سابىق دۆلەت مائارىپ كومىتېتى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەستىقلىدى. 

2000 - يىلى، ئىنستىتۇتى مەملىكەتلىك مەكتەپ سەنئەت تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن » بولۇپ باھالاندى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق « شىنجاڭدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى سەنئەت ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بازىسى ». 

2002 - يىلى، ئىنستىتۇتى مائارىپ مىنىستىرلىقى « تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاش » تا لاياقەتلىك دەپ ئۆتكۈزۈۋالغان. 

2012 - يىلى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى دۆلەتلىك غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپ ئۇل ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى. 

2013 - يىلى، ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ( مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئىلمى، گۈزەل سەنئەت ئىلمىدە ئالاھىدە ئورۇن. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا بېرىلگەن ) بېرىلگەن.

2014 - يىلى، ئىنستىتۇت ئاسپرانتلار سەنئەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى 

( MFA )  كۆپەيتىشنى تەسىس قىلدى. گۈزەل سەنئەت، بەدىئىي لايىھىلەش، نەغمە ‐ ناۋا، ئۇسسۇل، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە تىياتىر قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

تەتقىقات ئورنى

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىئىنستىتۇتىتا ئىككى ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنى، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات مەركىزى بار. 

ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىدىن ئىككىسى بار ئۇلار : شىنجاڭنىڭ ئەلئارا گۈزەل سەنئەت تەتقىقات ئورنى، غەربىي يۇرت بۇددا دىنى مەدەنىيەت - سەنئەت تەتقىقات ئورنى.

ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات مەركىزىدىن بىرسى بار : شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا تەتقىقات مەركىزى.

پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى 

ئىنستىتۇتى ئۈستىگە ئالغان « دۆلەت سەنئەت ئىلمىي پىلانلاش » قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى، « شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدىغان بولدى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ 4 - نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ژۇرنال مۇكاپاتى ۋە مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2003 - يىلدىن بۇيان، ئىنستىتۇت دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تېمىلىرىدىن 4 تۈر، مىنىستىرلىق تۈرىدىن 16 خىل پائالىيەتلەرگە  رىياسەتچىلىك قىلدى؛ 10 پارچە مەخسۇس ئەسەر نەشر قىلدۇرغان، دەرسلىك توققۇز ؛ 41 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 

ئىلمىي بايلىقى 

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىشىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانغان قەغەز ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان كىتاب 274 مىڭ، ئۈن _ سىن ماتېرىياللىرى 14892، ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ 2.7 گىگابايىت. كۇتۇپخانا ۋە ھەر قايسى سىستېما بۆلۈمى ماتېرىيال بۆلۈمىلىرى ئۆز - ئارا تولۇقلايدۇ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتۇشلارنى پەن تەتقىقات ھۆججەت، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ھۆججەت بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ساقلانما ھۆججەت تەدرىجىي گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا ۋە ئۇسۇل، كىنو - تېلىۋىزىيە، تىياتىر ماتېرىياللاردا يىغىپ ساقلاش مۇھىم نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەر ماس تەرەققىي قىلغان، ھەر خىل ۋاستە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ھۆججەت بايلىقى سىستېمىسى بار. 

مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 67000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 15164 كۋادرات مېتىر. مۇزىكا، رەسىم، تىياتىر، ئۇسۇل قاتارلىق تۆت كەسىپ ۋە بىر ئاساسىي ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان، قوشۇمچە چوڭلار (كەچلىك) ئالىي مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان.

ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى 

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىبۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئىجاد قىلغان 100 دىن ئارتۇق مۇزىكا، تىياتى، ئۇسۇل نومۇرلىرى ۋە 300 دىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كۆپ خىل تەتقىقات تېمىسى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ھەر خىل پەنلەر بويىچە ئېلان قىلىنغان ئەسەر، تەرجىمە ئەسەر، رەسىم توپلانمىسى 60 پارچىدىن ئارتۇق. ئىنستىتۇت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، ياپونىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونى بىلەن ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئېلىپ بارغان. 1992 -يىلى ئىنستىتۇت ئۆمىكى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 280 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1339 نەپەر.

ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېتلىرى 

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىمۇزىكا ئىلمى؛ مۇزىكا ۋە مۇزىكا ئىشلەش نەزەرىيىسى؛ مۇزىكا ئورۇنداش؛ ئۇن ئېلىش سەنئىتى؛ رەسىم سىزىش؛ ھەيكەلتىراشلىق 

گۈزەل سەنئەت ئىلمى؛ بەدىئىي لايىھىلەش؛ كارتون؛ ئۇسسۇل ئىلمى؛ ئۇسسۇل رېژىسسورلۇقى؛ نۇمۇر ئورۇنلاش 

تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى؛ تىياتىر، كىنو - تېلېۋىزىيە بەدىئىيلىكى لاھىيىلەش؛ سۈرەتكە تارتىش؛ دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك سەنئىتى؛ رادىئو - تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇقى؛ ئېلان ئىلمى؛ ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار. 

پەن قۇرۇلۇشى

 ئىنستىتۇتتا 2 دانە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسى: مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئىلمى، گۈزەل سەنئەت ئىلمى. 3 دانە 2- دەرىجىلىك پەنلەر ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسى: مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە گۈزەل سەنئەت ئىلمى. گۈزەل سەنئەت ئىلمى سەنئەت تۈرىدىكى نۇقتىلىق پەن بولۇپ باھالاندى. 

تاشقى ئالماشتۇرۇش

ئىلگىر - كېيىن بولۇپ ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، كورېيە، ياپۇنىيە، ئافغانىستان، تايلاند، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدا ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى  سەنئەت مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش قانۇنىيىتىنى ئوقۇتۇش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، « يىپەك يولى » مەدەنىيەت تارقىتىش ئەلچىسى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 

2000 - يىلى، ئىنستىتۇتقا مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن « مەملىكەت بويىچە سەنئەت مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن » دەپ نام بەردى، 2002 - يىلى، ئىنستىتۇتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشتا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوڭۇشلۇق خىزمەت تاسادىپىيلىق سەۋىيەسىنى باھالاش ۋە باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. 2007-يىلى 6-ئايدا، ئىنستىتۇت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى باھالاشقا ئېرىشتى، ئوڭۇشلۇق باھالاش تۈرلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، بىر تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن، بىر تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. 

پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : جاڭ لىشىن 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى : تەلئەت تۇردى

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى : غوپۇر رۇسۇل 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : ۋۇ مېڭلىن 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : فەن ۋېن پىڭ 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : تەلئەت تۇردى   

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : ۋاڭ چۈنمىڭ 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : ۋاڭ شاۋجۈن 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : ئىبراھىم كېرەم

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#