شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازاىتى

مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەسلى ئاساسى چىڭ ھۆكۈمىتى 1906-يىلى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر مائارىپىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى-مەكتەپلەر مەھكىمىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاپپارات ئىچىدە نازارەتچى، ستاتىستىكىچى، پۈتۈكچى ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇپ جەمئىي 47 شتات تەسىس قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
مەسئۇلىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区教育厅
قۇرۇلغان ۋاقتى 1950-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازاىتىمائارىپ نازارىتىنىڭ ئەسلى ئاساسى چىڭ ھۆكۈمىتى 1906-يىلى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر مائارىپىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى-مەكتەپلەر مەھكىمىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاپپارات ئىچىدە نازارەتچى، ستاتىستىكىچى، پۈتۈكچى ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇپ جەمئىي 47 شتات تەسىس قىلغان. 1908-يىلى بۇ مەھكىمە ئىچىدە يەنە ئوقۇش ئىشلىرى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان ھەمدە بۇ ئىشخانا ئىچىدە خوجىلىق بۆلۈم، ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، مەخسۇس مائارىپ بۆلۈمى، ماتېرىيال بۆلۈمى، بوغالتىرلىق بۆلۈمى قاتارلىق ئىش بىجىرىش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 1913-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار ئەمەلدارى مەھكىمىسىدە مائارىپ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، كېيىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلى مائارىپ ئىدارىسىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا مائارىپ بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازاىتىمائارىپ مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى: ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، مائارىپ يىغىنلىرى، كىتاب تەكشۈرۈش يىغىنلىرى، مائارىپ كۆرگەزمە ئىشلىرى، مەكتەپ سەھىيە خىزمىتى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇش ئىشلىرى، مەكتەپ سەھىيە خىزمىتى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇش ئىشلىرى، پېداگوگىكا مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپلەر، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە دەسلەپكى ئاقارتىش مەكتەپلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىشلىرى، ئادەتتىكى مەكتەپلەر، گاس-گاچىلار مەكتىپى ھەمدە باشقا ئالاھىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشلىرى، ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە پەنلىرى، كۇتۇپخانا، مۇزېي ۋە قەدىمىي جانلىقلارنى توپلاش ئىشلىرى، گۈزەل-سەنئەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا ئىشلىرى، ئاممىباب مائارىپ ئىشلىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ئىدى.

 1918-يىلى مائارىپ نازارىتى قۇرۇلدى. مالىيە قىيىنچلىقى تۈپەيلى سىياسىي ئىشلار نازارىتىنىڭ باشلىقى مائارىپ نازىرى بولۇش، نازارەت ئىچىدە پەقەتلا خوجىلىق بۆلۈمىدىن ئىبارەت بىرلا بۆلۈم تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. مائارىپ نازارىتىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا مەركىزىي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسى ئۆلكە باشلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ھەمدە مائارىپ مەمۇرىيىتىدىن باشقا مەخسۇس مەسىلىلەرنى بىجىرىش ئىدى. بۇ نازارەتنىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق مائارىپ مەمۇرىي خادىملىرىغا قارىتا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. پەقەت ئۆلكە قارمىقىدىكى مەخسۇس مەكتەپلەر مۇدىرلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى تەيىنلىگەندىن سىرت، باشقا بارلىق ئۆلكە قارمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى ھەمدە ناھىيىلەر بىرلىشىپ قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى دېگۈدەك مائارىپ نازىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەيتتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋە مائارىپ مىنسىتىرلىكىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قارىتا نازارەت قىلىشنى يۈرگۈزەتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازاىتى1930-يىلى ۋە 1931-يىلى ئۆزگەرتىلگەن «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىلات قانۇنى» دا «ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئۆلكە دەرىجىلىك مەكتەپلەر، جەمئىيەت مائارىپى، مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى، كۇتۇپخانا، مۇزېي ۋە ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەرتۈرلۈك ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. مائارىپ نازارىتى بولسا، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىدا يەنە ئۆلكە مەمۇرىي ئەمەلدارىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. مائارىپ نازارىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى مائارىپ مەمۇرىي خادىملىرىغا قارىتا قوماندانلىق قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆلكە قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى چوقۇم ئۆلكە مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، ئۆلكە قارمىقىدىكى مەخسۇس مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر نامزاتلىرىنى مائارىپ نازارىتى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆلكە مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئۆلكە قارمىقىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە نازارەت قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزىدۇ، يەنە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارلىرى ۋە مائارىپ بۆلۈملىرىگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئېلىپ بارىدۇ. شىنجاڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى يەنە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 1944-يىلى تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلەشمە مەھكىمىسىنىڭ ئىش بىجىرىش پرىنسىپلىرى لايىھەسى» دە مائارىپ نازارىتىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ خىزمنەت ۋەزىپىسى كاتىبات بۆلۈمى مۇھىم ھۆججەتلەرنى يېزىپ چىقىش، ھۆججەتلەرنى تەقسىملەش، ھۆججەت ئورىگىنالىنى كۆرۈپ بېكىتىش، يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇش، ستاتىستىكا ھەم تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش، نازارەت تاپشۇرغان ئىشلارنى ئورۇنداشقا مەسئۇل بولىدۇ. مۇپەتتىش بۆلۈمى مائارىپ بۇيرۇقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، يەرلىك مائارىپ مەمۇرىيىتىنىڭ مەكتەپلەر مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلارغا نازارەت قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش ياكى يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ 

بىرىنچى بۆلۈم

بىرىنچى بۆلۈم  كادىرلار ئىشلىرىغا، خەت-چەكلەر ۋە ئارخىپلارنى قوبۇل قىلىش، تارقىتىش، تۈزىتىش، بېسىش ۋە ساقلاشقا، نازارەت خىراجىتى ۋە كەسپىي ئالاقە خىراجىتىنى باشقۇرۇشقا، بارلىق مائارىپ مەمۇرىيىتىنى تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

ئىككىنچى بۆلۈم

ئىككىنچى بۆلۈم بولسا ھەر تۈرلۈك مائارىپ مەمۇرىي راسخوتلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭغا نازارەت قىلىش، بارلىق باشلانغۇچ خەلق مائارىپى، بالىلار مائارىپى، مەكتەپلەردىكى ھەربىي مەشىق ھەمدە بالىلار ئارمىيىسىنىڭ مەشىقى ۋە تەنتەربىيىسىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ئۈچىنچى بۆلۈم

ئۈچىنچى بۆلۈم بارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش، مەكتەپ ئالمىشىش، ئوقۇشتىن چېكىنىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش خۇلاسە ئىمتىھانى قاتارلىقلار، كەسپىي مائارىپ، پېداگوگىكا مائارىپى، ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى تاللاش ئىشلىرىغان، كۇتۇپخانا قاتارلىقلارنى پىلانلاش، باشقۇرۇش ھەمدە مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ قاتارلىقلارنى پىلانلاش، باشقۇرۇش ھەمدە مەمۇرىيەت تەشكىلاتلىرى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1950-يىلى شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ نازارىتى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە كاتىبات بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، مائارىپ بۆلۈمى، جەمئىيەت مائارىپى بۆلۈمى، شىنجاڭ مائارىپ تەھرىر ئىشخانىسى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى.

 1970-يىلى 9-ئايدا مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىش بېجىرىش گۇرۇپپىسى، سىياسىي خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەسپىي خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى.

 1982-يىلى مائارىپ ئىدرىسى مائارىپ نازارىتىگە ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە نازارەت ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە سەھىيە باشقارمىسى، ئىشچى-دېھقانلار مائارىپ باشقارمىسى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى، مائارىپ تەتقىقات ئورنى، مائارىپ ژۇرنىلى بۆلۈمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بۆلۈمى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.

 1986-يىلى مائارىپ نازارىتى مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. ئونىڭ ئىچىدە كومىتېت ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە سەھىيە باشقارمىسى، ئادەتتىكى مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، مائارىپ ژۇرنىلى ئۇنۋان ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانىسى، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىشخانىسى، مائارىپ نەشرىياتى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى شىركىتى، چوڭلار مائارىپى ئىدارسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا پۈتكۈل ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرۇش ھەمدە مەركەزنىڭ فاڭجېن، قانۇن-پەرمانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا، كونكرېت سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ خىزمەتلىرىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشقا، پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، مائارىپ سىستېمىسىدىكى كادىرلارنى باشقۇرۇشقا، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن يىللىق مالىيە پىلانىغا ئاساسەن، مائارىپ راسخوتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تەقسىم قىلىشقا، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قلىش خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ۋە مەسئۇل بولىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازاىتى 2000-يىلى 8-ئايدا مائارىپ كومىتېتى مائارىپ نازارىتىگە ئۆزگەرتىلدى. مائارىپ نازارىتىدە ھازىر 199 مەمۇرىي شتات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت ئىشخانىسى، سىياسەت، قانۇن-قائىدە باشقارمىسى، ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ باشقارمىسى، چوڭلار مائارىپ باشقارمىسى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، سىياسىي مائارىپ باشقارمىسى، تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت مائارىپى باشقارمىسى، پىلان مالىيە باشقارمىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، مۇپەتتىش باشقارمىسى، ئۇنىۋېرسال باشقارما، كادىرلار باشقارمىسى، تاشقى ئىشلار باشقارمىسى، پېشقەدەم كادىرلا باشقارمىسى، ئورگان پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلار مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك بۆلۈملەر، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانسى، خۇلاسە ئىمتىھان ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى تەمىنلەش باشقۇرۇش باش پونكىتى، مائارىپ تەتقىقات ئورنى، مائارىپ گېزىت-ژۇرنال نەشرىياتى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى ئىشخانىسى، مائارىپ ئۇچۇرلىرى مەركىزى، تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى، موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى زاۋۇتى، ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى، ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق نازارەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4094027.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#