- گۈلبوغۇن (ئۆسۈملۈك)
- گۈلبوغۇن (خام دورا)
گۈلبوغۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈلبوغۇن كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە رەتسىز يېرىقچىلار بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىنىسىمان، ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كالپۇك شەكىللىك، رەڭگى سۇس سۆسۈن قىزىل، يۇمشاق ئاق تۈكلۈك كېلىدۇ، گۈللىرى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا توپلىشىپ ئۆسكەن ئايلانما گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە، شەكلى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ.
گۈلبوغۇن ئىللىق ۋە نەمخۇش مۇھىتنى خالايدۇ، قۇياش نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتە تۇپراق ۋە قاقاس تۆپىلىكتە بىر قەدەر مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق تۇپرىقى ياخشى، سۇ شارائىتى يېتەرلىك مۇھىتتا ياخشى بولىدۇ. ئەمما سۇ يىغىلىش، ھۆلچىلىكتىن قورقىدۇ. كۆپ خىل مۇھىتتا يەنى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3400 مېتىرغا يېتىدىغان مۇھىتلاردىمۇ ئۆسەلەيدۇ. ياۋا بوز يەر، يول ياقىسى، ئېتىز قىرى، تاغ قاپتىلىدىكى ئوتلاقلاردا، دەريا بويى، قۇياشقا يېقىن بولغان جايلاردا ئۆسىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.