بىلىن خارمودۇن يېزىسى

بىلىن خارمودۇن يېزىسى

بىلىن خارمودۇن يېزىسى بورتالا شەھىرىنىڭ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بورتالا شەھىرى بىلەن 38 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاساسلىقى كېۋەز، شال قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، بورتالا ئوبلاستىدىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

ئۇيغۇرچە نامى بىلىن خارمودۇن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 137 كۋادرات كىلومىتېر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 贝林哈日莫墩乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بورتالا شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىلىن خارمودۇن يېزىسىيېزا بويىچە خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 10 مىللەت بار بولۇپ، 2006-يىلى 7699 ئادەم بار، قاراشلىق مەمۇرىي رايونلار : بىلىن خارمودۇن كەنتى، ئاچىن جۇسلۇڭ كەنتى، توسۇنخاشا كەنتى، توسونخاشا يېڭى كەنتى، توسونخاشا غەربىي كەنتى، جوكىن كەنتى، جىۋىن كەنتى، مانىشاڭ كەنتى، چۇلۇڭغاتىلغىن كەنتى، ئوبوڭتارا كەنتى ، شىنتارا كەنتى، خارجىگدە كەنتى، ئورمىك جىگدە كەنتى، شارالجىن كەنتى، بىلىن خارمودۇن جەنۇبىي كەنتى قاتارلىق 15 مەمۇرىي كەنت بار.

بىلىن خارمودۇن يېزىسى2004-يىلى، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 125 مىليون يۈەن ،ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.9 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5784 يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 371 مىليون يۈەن ئاشقان. يېزا بويىچە 122.5 كىلوگىرام ساپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى، 2005-يىلى 129 كىلوگىرامدىن 7.5 كىلوگرامغىچە ئاشقان.

16 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئومۇملاشتۇرۇلغان، ش ئۇ ئا ر نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇ تېجەپ سۇغىرىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى دەپ نام بېرىلگەن. يېزا بويىچە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى %98 كە يەتكەن، تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى ٪96 كە يەتكەن، تېلېفوننىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى %90 كە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 26.12 كۋادرات مېتىر.

بىلىن خارمودۇن يېزىسىيېقىندىن بېرى، بىلىن خارمودۇن يېزىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك 4-ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى ئورۇن» ى بولۇپ باھالاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ « كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، دېموكراتىك باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن»، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «سەھىيە ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى»، «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار يېزا»؛ ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «ئالتە ياخشى يېزىلىق پارتكوم» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن، جوكىن كەنتى، مانىشاڭ كەنتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت» بولۇپ باھالانغان، «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»، «مەملىكەت بويىچە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#