مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى

مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى

مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 43-قېتىملىق دائىمىي كېڭىشىدە ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى مەتبەئەتچىلىك باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى
خەنزۇچە نامى 印刷业管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2001-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 43-قېتىملىق دائىمىي كېڭىشىدە ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  

زۇڭلى جۇرۇڭجى  

2001-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام مەتبەئەچىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەتبەئەچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيىلىك ۋە ماددىي مەدەنىيىلىك  قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا بۇ نىزام نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى ۋە باشقا مەتبەئە بۇيۇملىرىنى بېسىش تىجارىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان نەشر بۇيۇمى گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، خەرىتە، بايراملىق رەسىم، سۈرەت، كالېندار، رەسىملىك توپلاملارنى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇمى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى تاۋار ماركا بەلگىسى، ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمى ۋە مەھسۇلات ئوراش-بېزەشكە ئىشلىتىلىدىغان قەغەز، مېتال، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن مەتبەئە بۇيۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمى ھۆججەت، ماتېرىيال، سخېما-چېرتيوژ، تالون-ئىسپات، گۇۋاھنامە، ئىسىم كارتوچكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مەتبەئەچىلىك تىجارىتى تىجارەت مەقسىتىدىكى بەت ياساش، سېنكىغا ئېلىش، ھەرپ تىزىش، بېسىش، تۈپلەش، كۆپەيتىپ بېسىش، سۈرەتكە ئېلىپ بېسىش، خەت بېسىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

3-ماددا مەتبەئەچىلەر ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.  ئەكسىيەتچىل، شەھۋانىي، خۇراپىي مەزمۇندىكى ۋە دۆلەت بېسىشنى مەنئى قىلىغان باشقا مەزمۇندىكى نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە ۋە باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە مەتبەئەچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى (تۆۋەندە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى دېيىلىدۇ) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى مەتبەئەچىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى مەتبەئەچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

5-ماددا مەتبەئەچىلەر باستۇرۇش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، تىزىملاش تۈزۈمى، مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ساقلاش تۈزۈمى، مەتبەئە بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش تۈزۈمى، مەتبەئەچىلىكتىكى ناچار بۇيۇمنى كۆيدۈرۈۋېتىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.  مەتبەئەچىلەر مەتبەئەچىلىك تىجارىتىدە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ياكى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

6-ماددا مەتبەئەچىلىك ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز نىزامنامىسى بويىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى كېرەك. 

ئىككىنچى باب مەتبەئە كارخانىسى قۇرۇش

7-ماددا دۆلەت مەتبەئەچىلىكتە ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەتبەئەچىلىك ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

8-ماددا مەتبەئە كارخانىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: 

(1) كارخانىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛ 

(2) بەلگىلەنگەن كەسىپ دائىرىسى بولۇش؛  

(3) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە زۆرۈر مەبلەغ، ئۈسكۈنە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتى بولۇش؛  

(4) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە خادىمى بولۇش؛  

(5) ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.  مەتبەئە كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندىن سىرت، دۆلەتنىڭ مەتبەئە كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىغا دائىر يىرىك پىلانىغىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 

9-ماددا نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى ۋە باشقا مەتبەئە بۇيۇمى باسىدىغان، ساتىدىغان كارخانىلارنى قۇرۇشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسىم كارتوچكىسى بېسىش تىجارىتى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان كارخانا قۇرۇشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەكشۈرۈپ تەستىقلانغانلىرى مەتبەئەچىلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەتبەئەچىلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، تەستىق ئارقىلىق ئالاھىدە ساھە ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن مەتبەئەچىلىك تىجارەت  ئىجازەتنامىسى، ئالاھىدە ساھە ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى  ئالىدۇ.  شەخسنىڭ نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ شەخسلەر باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. 

10-ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا قۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرىغا مەتبەئەچىلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىش؛ قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغانلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك. مەتبەئەچىلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە مەتبەئە كارخانىسى شۇغۇللىنىدىغان مەتبەئەچىلىك تىجارىتىنىڭ تۈرى يېزىلىشى كېرەك.  مەتبەئەچىلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى سېتىشقا، ئىجارە، ئارىيەتكە بېرىشكە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. 

11-ماددا مەتبەئەچىلەر نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى ياكى باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىش ياكى ئۆزگەرتىش ۋە ياك باشقا مەتبەئەچىلەرنى قوشۇۋېلىش ياكى قوشۇلۇش، ئايرىلىش سەۋەبىدىن يېڭى مەتبەئە قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.  مەتبەئەچىلەر نامى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى، تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت سورۇنى قاتارلىق تىزىملانغان ئاساسلىق تۈرلىرىنى رويخەتتىن ئۆزگەرتمەكچى ياكى مەتبەئەچىلىك تىجارىتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، تىزىمغا ئالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، تىزىم ئۆزگەرتىش ۋە ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە قۇرۇشنى تەستىقلىغان نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

12-ماددا دۆلەت جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى مەتبەئە كارخانىسى قۇرۇش، ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشقا، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا مەبلەغ كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىساد-سودىغا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. 

13-ماددا ئورۇنلار ئىچكى قىسمىدا باسما زاۋۇتى قۇرۇشتا تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ تىزىملاش رەسمىيىتى ئۆتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملاش رەسمىيىتى ئۆتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ئەنگە ئالدرۇشى  لازىم؛ ئورۇنلار ئىچكى قىسىمدا قۇرغان باسما زاۋۇتى (خانا) دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان مەتبەئە بۇيۇمى بېسىشتا مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتى تارمىقىغىمۇ بېرىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. ئورۇنلار ئىچكى قىسىمدا قۇرغان باسما زاۋۇتلىرىنىڭ مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە رەسمىيەت بېجىرىشى شەرت.

ئۈچىنىچى باب نەشر بۇيۇمى بېسىش 

14-ماددا دۆلەت نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى ئېسىل مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا بېسىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دۇردانىلىرى ۋەقىممىتى بار ئىلمىي ئەسەرلەرنى بېسىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. 

15-ماددا نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت نەشر قىلىشنى مەنئى قىلغان نەشر بۇيۇمى ۋە نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن نەشر قىلغان نەشر بۇيۇمىنى بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

16-ماددا نەشر بۇيۇمى بېسىشتا، بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن بىلەن مەتبەئە كارخانىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېسىش توختامى تۈزۈشى كېرەك. 

17-ماددا مەتبەئە كارخانىسى نەشر ئورۇنلىرى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان كىتاب، ژۇرناللارنى قوبۇل قىلغاندا، نەشر ئورۇنلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بېسىش ھاۋالىنامىسىنى تەكشۈرۈشى  ۋە ساقلاپ قويۇشى ھەمدە بېسىشتىن ئىلگىرى نەشر ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم؛ مەتبەئە كارخانىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر سىرتىدىكى نەشر ئورۇنلىرى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان كىتاب، ژۇرناللارنى بېسىشتىن ئىلگىرى، بېسىش ھاۋالىنامىسىنى مەتبەئە كارخانىسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. بېسىش ھاۋالىنامىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈرلگەن نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرىدۇ. مەتبەئە كارخانىسى نەشر ئورنى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان گېزىتنى قوبۇل قىلغاندا، گېزىت نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى؛ نەشر ئورۇنلىرى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان گېزىت، ژۇرناللارنىڭ كۆپەيتمە بەت، كۆپەيتمە سانىنى قوبۇل قىلغاندا، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى كۆپەيتمە بەت، كۆپەيتمە سان نەشر قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەتنىمۇ تەكشۈرۈشى شەرت. 

18-ماددا مەتبەئە كارخانىسى بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان ئىچكى ماتېرىيال ھېسابىدىكى نەشر بۇيۇمىنى قوبۇل قىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تارقاتقان بېسىش ئىجازەتنامىسىدىكى مەتبەئە كارخانىسى بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان دىن مەزمۇنىدىكى ئىچكى ماتېرىيال ھېسابىدىكى نەشر بۇيۇمىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى  ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تارقاتقان بېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى شەرت. نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىچكى ماتېرىيال ھېسابىدىكى نەشر بۇيۇمى ياكى دىن مەزمۇنى بولغان ئىچكى ماتېرىيال ھېسابىدىكى نەشر بۇيۇمى بېسىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك، مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە قارار چىقارمىسا، بېسىشقا قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. 

19-ماددا مەتبەئە كارخانىسى چېگرا سىرتىنەشر بۇيۇمىنى بېسىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەسەر ھوقۇقىغا دائىر قانۇنلۇق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت. بېسىپ بېرىلگەن چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىش شەرت. ئۇنى چېگرا ئىچىدە تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

20-ماددا بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇمىغا نەشر ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ياكى قەرەل سانى، نەشر بۇيۇمىنى بېسىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان مەتبەئە كارخانىسىنىڭ ھەقىقىي نامى ۋە ئادرېسى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بېسىشى كېرەك.  مەتبەئە كارخانىسى نەشر بۇيۇمىنى بېسىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە، ھاۋالە بىلەن بېسىپ بەرگەن نەشر بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويۇشى شەرت. 

21-ماددا مەتبەئە كارخانىسىنىڭ نەشر بۇيۇمىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ بېسىشىغا، بېسىپ بەرگەن نەشر بۇيۇمىنى سېتىشىغا، ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىپ بېسىشىغا ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كۆپەيتىپ بېسىشىغا، بېسىپ بەرگەن ياكى نەشر بۇيۇمىنىڭ قەغەز ئىزناسى ۋە پىليونكىسىنى سېتىشىغا، ئىجارە، ئارىيەتكە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

22-ماددا مەتبەئە كارخانىسىنىڭ نەشر بۇيۇمىغا زاكاز توپلىشى، نەشر بۇيۇمىنى سېتىشى، نەشر بۇيۇمىنى باشقىلارنىڭ نامىدا ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ بېسىشى، سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تۆتىنچى باب ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش 

23-ماددا ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش كارخانىسىنىڭ رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنىڭ يالغىنى، ساختىسى، ئىستېمالچىلاردا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئورايدىغان، بېزەيدىغان مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

24-ماددا مەتبەئە كارخانىسى بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلغاندا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ‹تاۋار ماركىسى رويخېتى كىنىشكىسى›نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى تەمىن ئەتكەن رويخەتتىكى تاۋار ماركىسىنىڭ نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم؛ مەتبەئە كارخانىسى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت ئالغان كىشىنى ھاۋالىسى بىلەن تاۋار ماركىسى باسسا، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىش توختامنامىسىنىمۇ تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەتبەئە كارخانىسى ئۆزىنى تەكشۈرگەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ‹تاۋار ماركىسى رويخېتى كىنىشكىسى› نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى، تاۋار ماركىسى نۇسخىسى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىش توختامنامىسىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ئىككى يىل ساقلاپ قويۇشى كېرەك.  دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى بېسىش توغرىسىدا باشقا بەلگىلىمىلىرى بولسا، مەتبەئە كارخانىسى ئۇ بەلگىلىمىلەرگىمۇ رىئايە قىلىشى لازىم. 

25-ماددا مەتبەئە كارخانىسى بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمى، مەھسۇلاتلارى ئوراش، بېزەشكە ئىشلىتىلىدىغان مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى شەخسلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئېلان تىجارەتچىلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمى بېسىشتا، ئۇلارنىڭ ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىمۇ تەكشۈرۈشى كېرەك. 

26-ماددا مەتبەئە كارخانىسى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى بېسىشتا، مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ مەھسۇلاتى، يېرىم مەھسۇلاتى، كېرەكتىن چىققىنى ۋە بەت نۇسخىسى، قەغەز ئىزناسى، پىليونكىسى، ئەسلى ئورىگىنالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئورۇن ياكى شەخسكە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۆز ئالدىغا ساقلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. 

27-ماددا مەتبەئە كارخانىسى چېگرا سىرتىنىڭ ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئالدى بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ بېسىپ چىقىرىلغان ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىش شەرت، ئۇنى چېگرا ئىچىدە سېتىشقا بولمايدۇ. 

بەشىنچى باب باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش 

28-ماددا مەخپىيەتلىك دەرىجە بەلگىسى بار ھۆججەت، ماتېرىيال، رەسىم، جەدىۋەللەرنى باسقاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرى ياكى قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك. 

29-ماددا ئېلان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، زور پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى، يول خېتى، جەمئىيەتتە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان تالون-ئىسپاتلارنى باستۇرۇشتا، بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا بېرىپ بېسىشقا ئىجازەت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى كۆرسەتكەن باسما زاۋۇتىدا باستۇرۇشى شەرت. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى كۆرسەتكەن مەتبەئە كارخانىسى مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بېسىش ئىجازەتنامىسىنىڭ خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بېسىش ئىجازەتنامىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىككى يىل ساقلاپ قويۇشى كېرەك؛ يۇقىرىقى مەتبەئە بۇيۇمىنى يەنە باشقىلارنىڭ بېسىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.  ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، قىسىم، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان باھالىق تالون-ئىسپاتلار ۋە ياكى ئورۇن ئىسمى يېزىلغان تونۇشتۇرۇش خېتى، خىزمەت كىنىشكىسى، ئەزالىق كىنىشكىسى، كىرىش-چىقىش كىنىشكىسى، ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كىنىشكىلەرنى باستۇرغاندا، بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن بېسىپ بېرىش ھاۋالىنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. مەتبەئە كارخانىسى بېسىپ بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تەكشۈرۈشى شەرت.  مەتبەئە كارخانىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كەسىپتە پايدىلىنىش ئېھتىياجى بىلەن ھەقىقەتەن ئەۋرىشكە ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلسە، بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، ساقلاپ قويۇلىدىغان مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ئۈستىگە ‹ئەۋرىشكە› دېگەن تامغىنى بېسىش ھەمدە مۇۋاپىق ساقلاش، يىتتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. 

30-ماددا مەتبەئە كارخانىسى دىن بۇيۇمىنى بېسىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ھۆججىتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تارقاتقان بېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى دىن بۇيۇملىرىنى بېسىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 10 كۈن ئىچىدە بېسىش ئىجازەتنامىسى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك؛ مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە قارار چىقارمىسا، بېسىشقا قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. 

31-ماددا باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجە بەلگىسى بولغان ھۆججەت، ماتېرىيال، رەسىم، جەدۋەل، ئېلان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، زور پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى، يول خېتى، جەمئىيەتتە ئوبوروت قىلىنىدىغان تالون-ئىسپات، ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، قىسىم، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان باھالىق ياكى باھاسىز تالون-ئىسپات، ئورۇن ئىسمى يېزىلغان تونۇشتۇرۇش خېتى، خىزمەت كىنىشكىسى، ئەزالىق كىنىشكىسى، ئوقۇش تارىخى كىنىشكىسى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىنىشكىسى قاتارلىق مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كىنىشكىلەر ۋە دىن بۇيۇمىنى بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 32-ماددا بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان چېگرا سىرتى مەتبەئە بۇيۇمىنى قوبۇل قىلىشتا، ئالدى بىلەن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش؛ بېسىپ چىقىلغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ چېگرا سىرتىنا ئېلىپ چىقىپ كېتىش كېرەك، چېگرا ئىچىدە تارقىتىشقا بولمايدۇ. 

33-ماددا مەتبەئە كارخانىسى ۋە باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوغرىلاپ بېسىشىغا، 3-كىشى كۆپەيتىپ بېسىپ بېرىش، بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ قەغەز ئىزناسى ۋە پىليونكىسى قاتارلىقلارنى سېتىشىغا، ئىجارە، ئارىيەتكە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

ئالتىنچى باب جازا پرىنسىپى

34-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا مەتبەئە كارخانىسى قۇرغان ياكى ئۆز مەيلىچە مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مەتبەئە بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 01 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەتكە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قۇرۇلغان باسما زاۋۇتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 2-بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتىمەي تۇرۇپ مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. 

35-ماددا مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، مەتبەئە بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كىنىشكى تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەتكە توشىدىغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:  

(1) نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى ياكى باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش تىجارىتى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغان ياكى كەسپىنى ئۆزگەرتىپ قوشۇۋالغان بولسا؛ 

(2) قوشۇۋېتىش، ئايرىلىپ چىقىش سەۋەبى بىلەن يېڭى مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بەرپا قىلمىغانلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتىمىگەن بولسا؛  

(3) مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى ساتقان، ئىجارە، ئارىيەتكە بەرگەن ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا. 

36-ماددا مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىدا بېسىش مەنئى قىلىنغان مەزمۇنلار بولغان نەشر بۇيۇمى، ئوراش-بېزەش، مەتبەئە بۇيۇمى ياكى باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى باسسا ياكى دۆلەت نەشر قىلىشنى مەنئى قىلغان نەشر بۇيۇمى ياكى نەشر قىلىش ئورنى بولمىغان ئورۇنلار نەشر قىلغان نەشر بۇيۇمىنى باسسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، مەتبەئە بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەتكە توشىدىغانلار، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

37-ماددا مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:  

(1) بېسىلىدىغان بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىشتا كىنىشكا تەكشۈرۈش تۈزۈمى، بېسىلىدىغان مەتبەئە بۇيۇمىنى تىزىملاش، ساقلاش، تاپشۇرۇش تۈزۈمى، مەتبەئەچىلىك پائالىيىتىدە كېلىپ چىققان ناچار، يارىماس بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈۋېتىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتمىغان بولسا؛ 

(2) مەتبەئەچىلىك تىجارىتىدە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سەزگەن بولسىمۇ، ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ياكى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغان بولسا؛  

(3) نامى، قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇل خادىم، تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت سورۇنى قاتارلىق ئاساسلىق تىزىملىنىدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتكەن ياكى مەتبەئەچىلىك تىجارىتىنى توختاتقان بولسىمۇ، زاۋۇت قۇرۇشنى تەستىقلىغان نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛  

(4) تەكشۈرۈلىدىغان ماتېرىياللارنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ساقلاپ قويمىغان بولسا.  ئورۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا باسما زاۋۇت (باسمىخانا) قۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارمىقىغا بېرىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىگەن ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ. 

38-ماددا نەشر بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىس، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن  ئاشىدىغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كىنىشكا تارقاتقان ئورۇن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ، جىنايەتكە توشىدىغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ نەشر بۇيۇمى باسقانلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېسىش ھاۋالىنامىسى، ئالاقىدار ئىسپات ياكى بېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرمىگەن ياكى بېسىش ھاۋالىنامىسىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛  

(2) باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ نەشر بۇيۇمى باسقان بولسا؛  

(3) باشقىلارنىڭ نەشر بۇيۇمىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ باسقان بولسا؛  

(4) بېسىپ  بېرىشكە ھاۋالە قىلىنغان نەشر بۇيۇمىنى قانۇنسىز ھالدا كۆپەيتىپ بېسىۋالغان ياكى ساتقان بولسا؛  

(5) نەشر بۇيۇمىغا زاكاز توپلىغان، نەشر بۇيۇمىنى ساتقان بولسا؛  

(6) نەشر ئورۇنلىرى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان نەشر بۇيۇمىنىڭ قەغەز ئىزناسى ۋە پىليونكىسىنى ساتقان، ئىجارە، ئارىيەتكە بەرگەن ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛  

(7) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنى بېسىپ بېرىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ياكى بېسىپ چىقىلغان چېگرا سىرتى نەشر بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىۋەتمىگەن بولسا. 

39-ماددا ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:  

(1) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ تاۋار ماركىسى بېسىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ماركا تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى، تاۋار ماركىسىنىڭ ئەۋرىشكىسى ياكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى تەكشۈرمىگەن بولسا؛  

(2) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمى، مەھسۇلاتلارنى ئوراش-بېزەشكە ئىشلىتىلىدىغان مەتبەئە بۇيۇمى بېسىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى شەخسلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرمىگەن ياكى ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئېلان، تەشۋىقات بۇيۇمىنى بېسىشتا، ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرمىگەن بولسا؛  

(3) باشقىلارنىڭ ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنى ئوغرىلاپ باسقان بولسا؛  

(4) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ چېگرا سىرتى ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرمىغان ياكى بېسىپ چىقىلغان چېگرا سىرتى ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىۋەتمىگەن بولسا. 

40-ماددا باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەتبەئە كارخانىلىرى ۋە شەخسلەر تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، مەتبەئە بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەتكە توشقانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ مەتبەئە بۇيۇمى بېسىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەرنى تەكشۈرمىگەن بولسا؛ 

(2) بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى يەنە ئۆز مەيلىچە باشقىلارنىڭ بېسىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغان بولسا؛ 

(3) بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ قەغەز ئىزناسى ۋە پىليونكىسىنى ساتقان، ئىجارە، ئارىيەتكە بەرگەن ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛  

(4) ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت، گۇۋاھنامىلىرى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆججەت، كىنىشكىلىرىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى باشقىلارنىڭ مەتبەئە بۇيۇمىنى ئوغرىلاپ باسقان بولسا؛  

(5) بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىۋالغان ياكى ساتقان بولسا؛  

(6) ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ باشقا چېگرا سىرتى مەتبەئە بۇيۇمى بېسىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا ياكى بېسىلىپ چىققان چېگرا سىرتى مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىۋەتمىگەن بولسا؛  

(7) باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە. 

41-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەتبەئە بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 01 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا،كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.  

(1) مەتبەئە كارخانىسى ئېلان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، مۇھىم پائالىيەتلەر، خىزمەت كىنىشكىسى، يول خېتى، جەمئىيەتتە ئوبوروت قىلىنىدىغان تالون-ئىسپاتلارنى باسقاندا، مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بېسىشقا ئىجازەت قىلىش ئىسپاتىنى تەكشۈرمىگەن بولسا ياكى يۇقىرىقى مەتبەئە بۇيۇمىنى يەنە باشقىلارنىڭ بېسىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغان بولسا؛  

(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىمىگەن مەتبەئە كارخانىسى تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئېلان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، مۇھىم پائالىيەتلەر، خىزمەت كىنىشكىسى، يول خېتى، جەمئىيەتتە ئوبوروت قىلىنىدىغان تالون-ئىسپاتلارنى باسقان بولسا؛  

(3) مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت، كىنىشكىلىرىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان بولسا. بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنلار ئېلان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش، مۇھىم پائالىيەتلەر،خىزمەت كىنىشكىسى، يول خېتى، جەمئىيەتتە ئوبوروت قىلىنىدىغان تالون-ئىسپاتلارنى باستۇرغاندا، مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتىنى ئالمىغان ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مەتبەئە كارخانىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا بېرىپ بېسىشقا ئىجازەت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمىگەن ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىمىگەن مەتبەئە كارخانىلىرىدا باستۇرغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

42-ماددا مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدۇ:  

(1) ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار بېسىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان ئوراش-بېزەش مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ مەھسۇلاتى، يېرىم مەھسۇلاتى، كېرەكتىن چىققانلىرى ۋە مەتبەئە بېتى، قەغەز ئىزناسى، پىليونكىسى، ئەسلى ئورىگىنالىنى ئۆز مەيلىچە ساقلىغان بولسا؛  

(2) باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا ۋە شەخسلەر باشقا مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئۆز مەيلىچە ساقلىغان ياكى ئۆزى ساقلىغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ ئۈستىگە <ئەۋرىشكە> دېگەن بەلگىنى سالمىغان بولسا. 

43-ماددا مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئىچىدىكى ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك؛ مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە رەسمىيەت بېجىرمىسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

44-ماددا ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەن مەتبەئە كارخانىلىرىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ياكى مەسئۇلىنىڭ ئىجازەتنامە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن ئىتىبارەن 10 يىل ئىچىدە مەتبەئە كارخانلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇل بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.  باشقا مەتبەئە بۇيۇمى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەرگە ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن ئىتىبارەن 10 يىلغىچە مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

45-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىش كۆرۈش، جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلىش بىلەن جەرىمانىنى تاپشۇرۇشنى ئايرىۋېتىش، تاپشۇرۇۋېلىنغان جەرىمانىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك. 

46-ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان مەتبەئە كارخانىلىرىنى قۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تەستىقلاپ ياكى نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزگەن بولسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەتكە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

يەتتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

47-ماددا بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان مەتبەئە كارخانىلىرى مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە، نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ ‹مەتبەئەچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش  ئىجازەتنامىسى›نى ئالماشتۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجازەتنامە بېرىشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تەننەرخ ھەققىلا ئېلىنىدۇ، باشقا ھېچقانداق ھەق ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

48-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوۋۇيۈەن 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان ‹مەتبەئەچىلىكنى باشقۇرۇش نىزامى› ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#