كىچىك سەييارىلەر
كىچىك سەييارىلەر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىچىك سەييارە (
مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدا يەنە بىر سەييارە بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن ئاسترونوملار تېلېسكوپلىرىنى ئاسمان بوشلۇقىغا قارىتىشتى. 1801-يىلى يېڭى يىل كېچىسى ئىتالىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى پىئاچ بىر ناتونۇش ئاسمان جىسىمىنى بايقىدى، ئۇ بولسا كىشىلەر بايقاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن سەييارە ئىدى. كىشىلەر بۇ يېڭى سەييارىگە «سېرېرا» دەپ نام بەردى.
بىراق سېرېرا ناملىق بۇ يېڭى سەييارە بەكلا كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى ئاي شارىنىڭكىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىكمۇ كەلمەيتتى، ئۇ پەقەت بىر كىچىك سەييارە ھېسابلىناتتى. بىر يىلدىن كېيىن كىشىلەر يەنە مارس بىلەن يۇپىتېر ئوربىتىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئىككىنچى كىىك سەييارىنى بايقىدى، بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىچنى، . . . كىچىك سەييارىلەر بايقالدى.
كىچىك سەييارىلەر بولسا قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەندىن كېيىنكى قالدۇق ماددىي كۆرسىتىدۇ. پەرەز قىلىنىشىچە ئۇلار بىر سىرلىق سەييارىلەر قالدۇقلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار يىراق قەدىمكى دەۋردە بىر قېتىملىق زور ئالەم سوقۇلۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى ئېنىقلانغان. لېكىن بۇ كىچىك سەييارىنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ يىغىلىشى ئوخشاش ئەمەس. ئەگەر بارلىق كىچىك سەييارە قوشۇپ بىرلا خىل ئاسمان جىسىمى بولۇپ تەشكىللەنسە، ئۇنىڭ دىئامېتىرى ئاران 1500 كىلومېتىرغا يەتمىگەن ھەمدە ئاي شارىنىڭ رادىئۇسىدىنمۇ كىچىك.
تەركىبىدىكى قۇرۇلمىسى : مېتېئورىت تەھلىل نەتىجىسىدە، بارلىق سەييارىلەرنىڭ تەركىبىدە <92.8%> بولغانى سىلىتسىي كاربون تۆت ئوكسىد ( تاش ) بار، 5.7% تۆمۈر ۋە نېكىل، قالغان قىسىملىرى مۇشۇ ئۈچ خىل ماددىنىڭ ئارلاشمىسى تاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ چوڭ مېتېئورىت تاش دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىرغا قەدەر، ئالىملار بايقىغان ۋە تىزىملاپ نومۇر سالغان كىچىك سەييارىلەر 8000 دىن كۆپرەككە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، مارس بىلەن يۇپىتېر ئوربىتىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا يەنە تەخمىنەن 500 مىڭ دانە كىچىك سەييارە بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىئامېتىرى بىر قانچە يۈز مېتىردىن بىر قانچە ئون مىڭ مېتىرغىچە ئىكەن، ئۇلار خۇددى غايەت زور تاغ جىنىسلىرىدەك، قۇياش سىستېمىسىدا توختاۋسىز ھالدا قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ تۇرىدىكەن.
C -كىچىك سەييارىلەر( تاش مېتېئورىت )، S- كىچىك سەييارىلەر( ئادەتتىكى خوندرىت )،M-كىچىك سەييارىلەر ( مېتال يادرو )،
E - كىچىك سەييارىلەر( ئېنستاتىت پىروكسېن خوندرىت )، V- كىچىك سەييارىلەر (سىلىتسىدلىق )، G- كىچىك سەييارىلەر، B- كىچىك سەييارىلەر، P- كىچىك سەييارىلەر،F- كىچىك سەييارىلەر،D- كىچىك سەييارىلەر، R- كىچىك سەييارىلەر، A- كىچىك سەييارىلەر، T- كىچىك سەييارىلەر. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.