گدىنىيە شەھىرى
پولشانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گدانىسكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇنىڭ بىلەن گدانىسكى شەھىرى ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گدىنىيەپولشانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گدانىسكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇنىڭ بىلەن گدانىسكى شەھىرى ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 225 مىڭدىن ئاشىدۇ،بۇ جايدىن كۆمۈر، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ، ھازىر گدانىسكى، سوپوتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈچ شەھەر بىرلەشمىسىگە ئايلاندى. گدىنىيە پولشانىڭ مۇھىم بېلىقچىلىق بازىسى، مۇھىم كېمىسازلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە يەنە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز ھەم كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
گدىنىيە بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولغان، يېقىن ئەتراپىدىكى ئورۇنلارنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىرىم ئارىلى دېڭىز دولقۇنلىرىنى توسۇپ تۇرغانلىقتىن، پاراخوتلارنىڭ كېلىپ توختىشىغا قولاي شارائىت يارىتىلغان. شۇڭا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن پولشانىڭ دېڭىزدىكى بىردىنبىر قاتناش ئېغىزى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ، مال يۆتكەش مىقدارى جەھەتتە شىتىدىن پورتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى پورتقا ئايلانغان.
گدىنىيە گدىنىيەدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن دېڭىز - ئوكيان ئالاقىدار : پورت باشقۇرۇش، كېمىسازلىق ، دېڭىز قاتنىشى مۇلازىمىتى ، دېڭىز بېلىقچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . %40 ئاھالە دېڭىز - ئوكيان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . گدىنىيەدە باشقا ئىقتىسادىي كەسىپلەرمۇ بار:ماشىنا - ئېلېكتىر ، خىمىيە سانائىتى ، كان مەھسۇلاتلىرى ، قەغەز ياساش ، بىناكارلىق ، يېنىك سانائەت ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار.....
گدىنىيەگە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق دېڭىز تىرانسىپورت مەكتەپلىرى يىغىلغان،ئۇ ھازىر دېڭىز تىرانسىپورت بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيەلەيدىغان بىر بازىغا ئايلاندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.