ياڭجۇ

ياڭجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قانال بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان. ئاھالىسى 4 مىليون 613 مىڭ 376 (2014)، يەر مەيدانى 663 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. 1949-يىلى ياڭجۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. 

نامى ياڭجۇ
ئۆلكىسى جۇڭگو شەرقىي جۇڭگو جياڭسۇ ئۆلكىسى
تەۋە رايون جياڭسۇ ئۆلكىسى
نوپۇسى 4 مىليون 613 مىڭ 376 (2014)
چەتئەلچە نامى Yangzhou City
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 663 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ كىلىماتى
باشقا نامى 广陵、江都、维扬

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭجۇياڭجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قانال بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان. ئاھالىسى 4 مىليون 613 مىڭ 376 (2014)، يەر مەيدانى 663 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. بەش دەۋر، 10 پادىشاھلىق دەۋرىدە ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى شەرقىي پايتەخت قىلغان. 1949-يىلى ياڭجۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. 

ياڭجۇ بەش دەۋر، 10 پادىشاھلىق دەۋرىدە ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى شەرقىي پايتەخت قىلغان. 1949-يىلى ياڭجۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. قەدىمدىن تارتىپ خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدىكى تۇزچىلىق ئىشلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ، سودا راۋاجلانغان، ئاتاقلىق كىشىلەر جەم بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن جاي. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە بارغان مۆتىۋەر راھىب چيەنجېن ياڭجۇدىكى دامىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى ئىدى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسساملىق ساھەسىدە داڭق چىقارغان «ياڭجۇدىكى سەككىز غەلىتە زات» مۇ ياڭجۇدا پائالىيەت قىلغان. 

ياڭجۇ ياڭجۇ شەھىرى سۇبتىروپىك بەلباغ پەسىللىك شاماللىق نەمخۇش كىلىماتغا تەۋە. مۆتىدىل بەلباغ مۇسسۇن شامىلى كلماتىدىكى ئۆتكۈنچى رايون. كىلىماتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى تۆت پەسلى ئېنىق، كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدۇ. يامغۇر مىقدارى مول، ئاساسلىق شامال يۆنىلىشى پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىردۇ. قىش پەسلى قۇرۇق سوغۇق، شەرقىي شىمال شامىلى  ۋە غەربىي شىمال شامىلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ؛ ياز پەسلىدە ئوكياندىن كەلگەن نەم ھاۋا شەرقىي جەنۇب ئۈچۈن پايدىلىق، ئەتىيازداشەرقىي جەنۇب شاماللىق بوران كۆپ چىقىدۇ؛ كۈز پەسلىدە شەرقىي شىمال شامىلى كۆپ. قىش پەسلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ تۆت ئايدىن ئۇزۇنراق؛ ياز 2-ئورۇندا بۇلۇپ  تەخمىنەن 3 ئاي بولىدۇ؛ ئەتىياز، كۈز پەسلى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ ھەرقايسى پەسىل ئىككى ئايدىن بۇلىدۇ.

 ھۆل-يېغىن مىقدارى

ياڭجۇ2012-يىلى پۈتۈن يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ياڭجۇ شەھەر رايوننىڭ  864 مىللىمېتىر، جياڭدۇ رايوننىڭ 940 مىللىمېتىر، باۋيىڭ ناھىيەسىنىڭ 1067 مىللىمېتىر. شەھەر بويىچە جايلارنىڭ ھەرقايسى ئايلاردىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن  1-ئاي، 4-ئاي، 5-ئاي، 6-ئاي، 10-ئايلارغا قارىغاندا 3-ئاي، 7- ئاي، 8-ئاي، 12-ئايلاردىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ. ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ رايونلار بويىچە تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. 2-ئاي، 8-ئاي، 9-ئاي، 11-ئايلاردىكى  ھۆل-يېغىن مىقدارى  ئاز ياكى كۆپ بولدىغان ئاي. 

يەر بايلىقى

ياڭجۇياڭجۇ شەھىرنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 6591.21 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3304.93 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. باغ كۆلىمى 43.07 كۋادرات كىلومېتىر، ئورمان كۆلىمى 24.80 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوت-چۆپلۈك 7.67 كىۋادرات كىلومېتىر،  شەھەر-بازار ، كەنت ۋە كان-كارخانىلارغا ئىشلىتىلگىنى 1031.27 كۋادرات كىلومېتىر، قاتناش-تىرانسپورتىغا ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى 278.47 كۋادرات كىلومېتىر، سۇ يۈزى ۋە سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلگەن يەر 1832.33 كۋادرات كىلومېتىر، باشقا يەرلەرگە 68.67 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

سۇ بايلىقى 

ياڭجۇياڭجۇ شەھىرى چېگرىسى ئىچىدە 1-دەرىجىلىك دەرياسىنىڭ ئىككى تارمىقى، 2-دەرىجىلىك دەرياسىنىڭ يەتتە تارمىقى، 3-دەرىجىلىك دەرياسىنىڭ  ئىككى تارمىقى، 4 -دەرىجىلىك دەريانىڭ تۆت تارمىقى بۇلۇپ ار  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 593.6 كىلومېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ سىغىم مىقدارى 1 مىليارد 690 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ئاساسلىق كۆللەردىن بەيما كۆلى، باۋيىڭ كۆلى، گاۋيوۋ كۆلى، شاۋبو كۆلى قاتارلىقلار بار. 

كان مەھسۇلاتى

ياڭجۇياڭجۇ ۋىلايىتىدە قېزىلما بايلىقلار 15 خىل بۇلۇپ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقنىڭ 12 خىلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت،تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. گاۋيۇ، جۇڭدۇشۈي ، جياڭدوۋ  ئالغان نېفىتى مول، گاز بايلىقى گاۋيۇ، جياڭدوۋلارنىڭ  ئەتراپىدا ئۇنىڭ «سۇ نېفىتلىك يۇرتى» دېگەن نامى بار. خىش-كاھىش، سېغىز توپا، كۋارتسلىق قۇم، شېغىل تاش، مېنىرال سۇ، يەر ئىسسىقلىقى قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى بىر قەدەر مول. يىجېڭ، جۇڭدۇشۈي ئېدىرلىق رايونلىرىدا زاپاس 200 ~ 300 مىليون توننا قۇم بار. تاش ماتېرىياللىرى زاپاس مىقدارى 120 مىليون توننا، شېغىل زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 300 مىليون توننا. شەھەر بويىچە بازالتنىڭ يىراق كەلگۈسى زاپىسى تەخمىنەن 250 مىليون توننا. ياڭجۇ شەھىرى شەھەر رايونى شىمالى قىسمى ۋە يىجېڭ قاتارلىق جايلاردا يەر ئاستى  مېنىرال سۇ بايلىقى مول، سۈپىتى ياخشى، دۆلەتنىڭ تەبىئىي مىنېرال ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.

ياڭجۇداڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن: سۇي ياڭدى قەبرىستانلىقى، تاڭ شەھىرى خارابىسى، دامىڭ ئىبادەتخانىسى، جيەنجېن خاتىرە سارىيى، شەنخې ئىبادەتخانىسى، ئوۋياڭ شيۇ باشچىلىقىدا سېلىنغان پىڭشەنتاڭ زالى، شى كېفا قەبرىستانلىقى ھەمدە داڭلىق باغلاردىن سۇشىخۇ، خېيۈەن باغچىسى، گېيۈەن باغچىسى، شياۋپەنگۇ باغچىسى قاتارلىقلار بار[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#