مۇخۇر يېزىسى

مۇخۇر يېزىسى

مۇخۇر يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسى تەۋەلىكىدە، تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى مۇخۇر يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 568 كىۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莫乎尔乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى
نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇخۇر يېزىسىمۇخۇر يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسى تەۋەلىكىدە، تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.

يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن توققۇز تارا ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 65 كىلومېتىر، يەر شەكلى تاغلىق يەر شەكلىگە تەۋە، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قىيسايغان، مۇخۇر يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراق جايى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېرىلغۇ يېرى، ئوتلاق، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر كېلىدىغان تار جىلغا بەلۋېغىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق يەر بولۇپ، شىمالىي چوڭ جىرغىلاڭ دەرياسى قىرغىقىغا يېقىن، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 720 مىڭ مو، تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 450 مىڭ مو.

مۇخۇر يېزىسىدىكى ئاھالىلەر قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 8328 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70 نى ئىگەللىگەن، قازاقلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %65 نى ئىگەللىگەن. دېھقان-چارۋىچىلار 9726 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2172 ئادەم. ھازىر يېزا تەۋەلىكىدە يەتتە كەنت ئاھالە كومىتېتى، 25 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

مۇخۇر يېزىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئارال كەنتى، كۈرە كەنتى، كۆكباقى كەنتى، كۆكتال كەنتى، مۇخۇر كەنتى، تاقىرتۈبەك كەنتى، تاسبۇلاق كەنتى قاتارلىق 7 مەمۇرىي كەنت بار.

مۇخۇر يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1100مېتىردىن 4000 مېتىرغىچە، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىر، تاغلىق سوغۇق كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37 ~ ℃39، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃36- ~ ℃38-، ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2731.7 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىردىن 780 مىللىمېتىرغىچە. ئاساسلىق دەريا چوڭ جىرغالاڭ دەرياسى، ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارى 72 مىليون 640 مىڭ كۇب مېتىر / يىل، ئالاھىدە قۇرغاق كىلىماتىغا ئاساسەن، ئەلا سۈپەتلىك قارا چىلان تۇپراق، مول يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ۋە ئوتلۇق، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق بازىسى، شىرنىلىك مېۋە بازىسى، جۇڭگو تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بازىسى، ياڭيۇ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق تۆت چوڭ بازا قۇرغان.

مۇخۇر يېزىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : بىرىنچىسى، چارۋىچىلىق ۋە باقمىچىلىق. ئىككىنچىسى، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ۋە يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كىرىم، تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ يۆتكەلمە خاراكتېرلىك ساپ كىرىمى مۇقىم كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش ئاشلىق بىۋاستە ياردەم پۇلى، ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش كىرىمىنى ئاشۇرغان. ئۈچىنچى، ئائىلە تىجارەت كىرىمى، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىك، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېمەك-ئىچمەك، ترانسپورت، سودا-سانائەت ۋە ساياھەت، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق 2-، 3- كەسىپ كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى زورايغان. چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ۋە ئائىلە تىجارەت كىرىمى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قىسم، دېھقانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەك نەق پۇل كىرىمى  ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارۋىچىلىق، ئېكولوگىيىلىك ئورمانچىلىق ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق تۆت چوڭ كەسىپ ئارقىلىق كەلگەن.

مۇخۇر يېزىسىدىكى مەكتەپ كۆرۈنىشلىرىمۇخۇر يېزىسىدا 4 مەكتەپ بار، 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 3 باشلانغۇچ مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مەكتەپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ، بىرسى ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپ. ئالمالى باشلانغۇچ مەكتىپى، قوشقەمەر باشلانغۇچ مەكتىپى، مۇخۇر يېزىسى چارۋىچىلىق باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىقلار.

باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمى: سىنىپ سانى 15، ئوقۇغۇچىلار سانى 227 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 155 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 22 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 22 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى 16 نەپەر. 

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمى: سىنىپ سانى 20، ئوقۇغۇچى سانى 880 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 462 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 68 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 52 نەپەر، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى 14 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى 47، مەمۇرىي خادىم 8 نەپەر، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 36200 كۋادرات مېتىر، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كۆلىمى 15229 كۋادرات مېتىر، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3857 كۋادرات مېتىر، مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 740 مىڭ يۈەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#