مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتى
سۈت ئۇ ئەڭ قەدىمكى تەبىئىي ئىچىملىكنىڭ بىرى، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە، سۈتنى دەرىجىگە بۆلۈشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان ياغ، ياغسىز ۋە ياغلىق سۈت. نۆۋەتتە بازاردىكى سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، يۇقىرى كالتسىيلىق ياغسىز سۈت، بۇلارنىڭ ئىچىگە كالتسىي قوشىدۇ. مېۋە سۈتى، تۈرلۈك مىۋە - چىۋە ۋە سۈت ئارلاشمىسىدىن ياسىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كالا سۈتى تەركىبىدە مول بولغان مىنېرال، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنك، مىس، مانگان، مولىبدېن قاتارلىق مىتال ئېلىمىنىتلار بار. كالا سۈتى بولسا بەدەندىكى كالتسىينىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالتسىي - فوسفور نىسبىتى ناھايىتى مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۇستىگە كالتسىي قوبۇل قىلىشى ئىقتىدارى ياخشى. تۈرى مۇرەككەپ، ئاز دېگەندە 100 نەچچە خىلغا يىتىدۇ. ئاساسلىق تەركىبى سۇ، ياغلار، فوسفاتىد، ئاقسىل، لاكتوزا، ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار .
مېۋە سۈتى
مېۋە سۈتى سۈتلۈك ئىچىملىككە تەۋە بولۇپ، كالا سۈتىگە ئىككى ھەسسە سۇ قوشۇلىدۇ. يەنە شېكەر، مۇئەتتەر ۋە باشقا تېتىتقۇلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە، ئاقسىل مىقدارى 1% تىن تۆۋەن بولمىسلا بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقىي كالا سۈتىدىن خېلى تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى مېۋە سۈتلىرىنىڭ تەمىمۇ ھەقىقىي مېۋە تەمى ئەمەس بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت بالىغا بۇنى بەرسە، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. شۇنداقلا بۇ خىل ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بىر ئاز كۆپ، دائىم ئىستېمال قىلسا، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. ھەتتا تاماقتىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]
كالا سۈتىكالا سۈتى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىۋىتىدۇ ھەم ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرىنى قوزغايدۇ . ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، ئاشقازان يارىسى خارەكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى ، ئۆت خالتىسى ياللوغى قاتارلىق كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك .
ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەكتە تاش بارلار ، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار ، ئەمدىلا قورسقىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرغانلارمۇ كالا سۈتى ئىچسە بولمايدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.