ئامېرىكا -ئەنگلىيە ئۇرۇشى

ئامېرىكائەنگلىيە ئۇرۇشى
ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىگە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش، مەلۇم مەندىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داۋامى. شۇڭا، ئۇ يەنە «ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نامى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئامېرىكا، ئەنگىلىيە
ۋاقتى 1812-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى __ 1815-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
باشقا ئاتىلىشى ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
ئورنى ئامېرىكا، كانادا
خەنزۇچە نامى 美国第二次独立战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكائەنگلىيە ئۇرۇشى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئەنگىلىيىنى قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچراتتى. شۇڭا، ئەنگلىيە سودا، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلەتتى. 1807- يىلى كېيىن ئەنگلىيە فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان  سودا ئالاقىسىدە بولغان كېمىلەرنى ئاختۇرۇش باھانىسىدە ئامېرىكا كېمىلىرىنى توسۇۋېلىپ ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە يەنە ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ماتروسلىرىنى يولسىزلىق بىلەن تۇتقۇن قىلدى. 1807- يىلى ئەنگلىيە ھەربىي كېمىسى ئامېرىكىنىڭ «چېساپىك» ناملىق ھەربىي كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، دېڭىزچىلارنى تىنتىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ 27 ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. بۇ ئەنگىلىينىڭ ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك بىلەن قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، 1812- يىلى پارتلىغان ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش جەرياندا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدەك پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ كانادانى ئىشغال قىلىۋېلىش غەرىزىدە، زور كۆلەمدىكى زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنى باشلىغانىدى. بىراق، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىدا زور قوشۇن بىلەن چېگرىغا قىستاپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىندىئان قەبىلىلىرىنى  كانادا ئارقىلىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇقەررەر يۇسۇندا تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. 1811- يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە ئىندىئانلارنى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىدىغان  ئالدىنقى سەپ قوشۇنى سۈپىتىدە قۇترىتىپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدىكى چېگرا رايونىدا توقۇنۇش پەيدا قىلدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەنگلىيە-ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىلىرى توقۇنۇشۇپ قېلىپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولدى. 1812- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئامېرىكا ئەنگلىيىگە قارشى رەسمىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» نى باشلىدى.

ئامېرىكائەنگلىيە ئۇرۇشى1812- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ناپولېئوننىڭ 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى روسىيە جەڭ مەيدانىدا مۈشكۈلات ئىچىدە قالغانلىقتىن ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكا جەڭ مەيدانىغا خېلى كۆپ ئەسكىرى كۈچنى سېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئامېرىكا قوشۇنلىرى كانادا چېگرىسى ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىمۇ ئەنگلىيە فلوتى تەرىپىدىن قامال قىلىۋېلىندى. بولۇپمۇ 1814-يىلى 6-ئايدا ناپولېئون تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى زور مىقداردا ياردەمچى قىسىملىرىنى ئاجرىتىپ شىمالىي ئامېرىكىغا يۆتكەپ ئەكىلىشكە مۇۋەپپەق بولدى. شۇ يىلى 8-ئايدا ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم قوشۇنى دېڭىز ياقىسىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۇدۇللا نيۇ-يوركقا ھۇجۇم قىلدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاشىنگتوننى ئىشغال قىلىپ، ئاق ساراي ۋە پارلامېنت بىناسى قاتارلىق ئۆز ئىمارەتلەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. بىراق، ئامېرىكا قوشۇنلىرىمۇ غەربىي جەنۇب رايونىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئۇلغىيىشى ۋە مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. 1814-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە گېنىتتە تىنچلىق سۆھبىتى ئىمزالاپ، 1783-يىلىدىكى پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقى ۋە ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ چېگرا پاسىلى ئايرىلدى. 1814-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە جېكسۇننىڭ قۇماندانلىقىدىكى ئامېرىكا قوشۇنى ئورلېئاندا ئەنگلىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقى مۇستەھكەملەندى، ئەنگلىيە ئامېرىكىنى سودا جەھەتتە قامال قىلىش ۋە بېسىشتىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكا كاپىتالىستىك ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرىلاندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#