قارا ئۈزۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا ئۈزۈم ئاسىيا قىتئەسى، ياۋرۇپا، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىنىڭ تۇرپان ، پىچان رايۇنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنلىرىغا تارقالغان ، تۈپىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال ، 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ .
گۈلى قوش جىنىسلىق . مېۋە ساپاق ئۇزۇنلۇقى 21.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 21.1 سانتىمېتىر ، ساپىقى يۇمىلاق كونۇس شەكلىدە، بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5 -6.45 گرام ، دىئامېتىرى 18.9 * 21.9 مىللىىمېتىر ، مېۋە تۈمشۇقى تۈز ، بەزىلىرىنىڭ سەل ئويۇقچىسى بار . بۇ سورتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى مېۋە دانىلىرىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى تەكشى ، پوستى قېلىن ، ئېتى چۈرۈك ، يېشىل، ئاقۇچ رەڭدە ،شىرنىلىك ، قەنت مىقدارى %20 - 18.5 ، سۈپىتى ئەلا ، ھەر بىر دانە مېۋىسىنىڭ ئىچىدە 1 -3 تال ئۇرۇقى بولىدۇ .
قارا ئۈزۈمجۇڭيى تېبابىتىدە قارا ئۈزۈم تەبىئىتى مۆتىدىل ، تەمى تاتلىق چۈچۈمەل، تال، ئۆپكە، بۆرەك ئىقتىدارنى نورماللاشتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازان، جىگەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، پەي -سۆڭەكلەرنى چىڭتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدۇ، كىچىك تەرەتنى نورماللاشتۇرىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.