كوسىراپ يېزىسى
كوسىراپ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كوسىراپ يېزىسىكوسىراپ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا، 1961-يىلى كوسراپ گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1965-يىلى چارلۇڭ گۇڭشېسىغا قوشۇۋېتىلگەن، 1981-يىلدىن باشلاپ چارلۇڭ گۇڭشې كوسىراپ گۇڭشې قايتىدىن تەسىس قىلىنغان، 1984-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 1039 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق ئىككى مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %89.2 نى ئىگىلىگەن. يېزىغا قاراشلىق 9 مەمۇرىي كەنت، توققۇز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 1047 ئائىلە، 3712 ئادەم. تاغلىق رايونغا جايلاشقان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 90.58 گېكتار، ئوتلاق كۆلىمى 6160 گېكتار.
كوسىراپ يېزىسىكوسىراپ يېزىسى شەرقىي مېرىدىئان ′33°76~′02°76، شىمالىي كەڭلىك ′07°38~′44°37 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى غەربىي كوئېنلۇن تېغى رايونىغا جايلاشقان، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شىمالىي قىزىلتو يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى تار تاجىك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇب تەرىپى يەكەن ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، كۆلىمى 1039 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 134.2 كىلومېتىر، تاشيول مۇساپىسى 330 كىلومېتىر.
كوسىراپ يېزىسىكوسىراپ يېزىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، جەنۇب، شىمال، غەرب تەرىپىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى يەكەن دەرياسى ۋادىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 10.9 بولۇپ، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6-، 7-ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24، قىروسىز مەزگىلى 180~150 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 200-150 مىللىمېتىر، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، ئارپا، سېرىق پۇرچاق، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق سۇ سىستېمىلىرىدىن يەكەن دەرياسى، چارلۇڭ دەرياسى بار.
كوسىراپ يېزىسىكوسىراپ يېزىسى تەۋەسىدە كۆمۈر، چاچما ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنىك، قاشتېشى، خرۇستال قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار. زۇڭتاش كەنتى ياجاك گۇرۇپپىسىدا ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار، ئىچىدە ئۇلار، موڭغۇل جەرىنى، بۆكەن، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ياۋايى ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەر بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.