شۈي تېلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شۈي تېلى (1877-1968) جۇڭگونىڭ داڭلىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پېداگوگى. ئۇ شىنخەي ئىنقىلابى، ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. «1-ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا باشتىن-ئاخىر ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان. ئۇ ھاياتىدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان، مەركىزىي ھۆكۈمەت رۇسىيە رايونى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تېخى ماۋ زېدۇڭ نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
شۈي تېلى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىگە ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. بالىلىق چاغلىرىدا خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇپ، جۇڭگو فېئودال مائارىپىدىكى ئۆلۈك ھالدا كونا كىتابلارنى ئوقۇتۇشنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، كىتابىي بىلىملەرنى ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن، «ئۆيگە سولىنىۋېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كاتتا كىتابلارنى ئوقۇش، قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر يۈرۈش» كە قارشى تۇرغان. ئۇ يەنە ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىلا ئۆگىتىپ قالماي، بەلكى يەنە ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ مەكتەپلەرنى شەخسىي مۈلكى قىلىۋېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرغانلىقىغا قاتتىق نەپرەت ئوقۇپ، مەكتەپلەرنى ئەمگەكچى خەلققە داغدام ئېچىۋېتىشنى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنى، كەچلىك كۇرسلارنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئەينى چاغدا فرانسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان، كاتتا زىيالىي ھېسابلىنىدىغان شۈي تېلى يۇقىرى ئەمەل تۇتۇپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە تامامەن ئېرىشەلەيتتى. ئەمما، ئۇ ئاڭلىق ھالدا جاپالىق ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئاتلىنىپ، جۇڭگو زىيالىيلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان. شۈي تېلى 1937-يىلى 60 ياشقا كىرگەندە، ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ «ئىنقىلابنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» تەك ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەرىپلىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.