ياۋا ئۆردەك

ياۋا ئۆردەك

ياۋا ئۆردەك سۇ قۇشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ياۋا ئۆردەكلەر بولسا يېشىل باش ئۆردەك (mallard) شىمالىي يېرىم شاردىكى ئاددىي ئاتىلىشى. ئۆيدىن قاچىدىغان ئۆردەك ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپى، ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى، ئۆردەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە؛ ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۆپ خىل ياۋا ئۆردەك چۈجىلىرىنىڭ باشقا ئون نەچچە تۈرى بار. ياۋا ئۆردەك ئۇزۇن يوللۇق كۆچۈش ئۇچۇش ئېلىپ بارىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 110 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋا ئۆردەك
ئىنگلىزچە نامى mallard
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 野鸭
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
تۈرى ياۋا ئۆردەك
باشقا نامى چوڭ يېشىل باش ئۆردەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋا ئۆردەكياۋا سۇ ئۆردىكىنىڭ جۇغى ئەڭ كىچىك دەريا ئۆردەك ئۇرۇقدىشى قۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر يەتمەيدۇ، پەقەت كۆپ ئۇچرايدىغان ياۋا ئۆردەكنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ ئەركەك-چىشى غەيرىي شەكىللىك، ئەركەك قۇش (خوراز ۋە باشقىلار) باش-بويۇن قىسمى ئاساسىي قوڭۇر رەڭلىك، ئىككى كۆز ئەتراپىىن تارتىپ بويۇن تەرەپكە بىر يېشىل رەڭلىك لېنتا شەكلىدا تارقىلدىغان بولۇپ كاشتان رەڭلىك؛

چىشى ئۆردەك

ياۋا ئۆردەكچىشى ئۆردەك تېنى بىر قەدەر كىچىك، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 50 ~ 56 سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1 كىلوگرام؛ پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك ھەمدە قارا داغ بار؛ كۆكرەك قورساق قىسمىدا قارا سىزىق بار؛ قۇيرۇقى ئۆي ئۆردىكىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن پەيلىرى يورۇق ھەم ئىخچام، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يۇمىلاق ئاق گۈل سىزىقلىرى بار. بويۇنلىرىدا ئاق ھالقا يوق، قۇيرۇق پەيلىرى توم ئەمەس.

يېشىل باش ياۋا ئۆردەكنىڭ پۇتلىرى قىزغۇچ سېرىق، تىرنىقى قارا بولىدۇ. شۇڭا قىزىل پاچاق ئۆردەك دەپ ئاتالغان.

چۈجە ياۋا ئۆردەك

ياۋا ئۆردەكچۈجە ياۋا ئۆردەك پۈتۈن بەدىنى قارا قوڭۇر، مامۇق پەي، يۈزى، مۈرە، دۈمبە ۋە قورساق قىسمى ئارىلاش سۇس سېرىق رەڭلىك تىۋىت-پەيلىرى بار؛ تۇمشۇقى ۋە پۇتى كۈل رەڭدە بولۇپ، پەنجىلىرى سېرىق رەڭلىك. پەيلىرىنىڭ ئۆسۈپ ئۆزگىرىشى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە. 15 ئايلىق بولغاندا رەڭگى ھەممىسى سۇس كۈل رەڭ، قورساق پەيلىرى ئۆسۈشكە باشلايدۇ؛ 50 كۈنلۈك بولغاندا دۈمبە پەيلىرىنىڭ ئۇزۇن، قانىتى ئۇچلۇق ئۇزۇن تەخمىنەن 8 سانتىمېتىر پەيلەر بىلەن قاپلانغان؛ 80 كۈنلۈك بولغاندا پەيلىرى ئۇزۇراپ، قاناتلىرى 19 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇلۇپ، يېتىلگەن ئۆردەك شەكىل ئالاھىدىلىكى ئىگە بولىدۇ.

ياۋا ئۆردەك تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جۇڭگودا تەخمىنەن 10 تۈرى بار، ھەر بىر سورتلۇق ئەركەك ئۆردەكنىڭ پەيلىرىنى پەرقى بىر قەدەر چوڭ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان ياۋا ئۆردەك سورتلىرىدىن ئاساسلىقى ئۈچۈن يېشىل باش ئۆردەك.

جۇڭگو تار تۇمشۇق ئوردىكى دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. ئۆلتۈرۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

يېشىل باش ئۆردەك

ياۋا ئۆردەكيېشىل باش ئۆردەك ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ياۋا ئۆردەك. (ئۇنىڭ شەكلى ئالاھىدىلىكى يۇقىرىقى). ئۆگىتىلگەن يېشىل باش ئۆردەكنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، توپلىشىپ ياشايدۇ، ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى كۆپ خىل، بېقىش ئاسان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەم-خەشەك سەرپىياتى ئاز، بېقىش دەۋرىيلىكى قىسقا بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

بىگىز قۇيرۇق ئۆردەك 

بىگىز قۇيرۇق ئۆردەكنىڭ بېشى قارا قوڭۇر، بويۇن تەرىپى بەدىنى بىلەن بىرلىشىپ روشەن ئاق رەڭلىك، قاناتلىق ئەينىكى تۇتۇق مىس، يېشىل رەڭلىك، قۇيرۇق پېيى مەركىزى ئۇزۇن بولىدۇ.

يېشىل قانات ئۆردەك

يېشىل قانات ئۆردەكنىڭ  تېنى كىچىك، قاناتلىق ئەينىكى پارقىراق يېشىل، باش قىسمى توق قوڭۇر، ئىككى تەرىپى يېشىل چىپار بەلۋاغلىق.

ئالا يۈز ئۆردەك

ئالا يۈز ئۆردەكنىڭ بويۇن ۋە قۇيرۇق ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى مامۇق قارا، يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپى قوڭۇر ئاق رەڭلىك، كۆز ئاستى ۋە بويۇن ئاساسىي قارا يوللۇق، مىس يېشىلى رەڭدە قانات داغلىرى بولىدۇ.

تاغىل ئۆردەك

تاغىل ئۆردەك (فالكاتا ئۆردىكى) نىڭ بېشى بېغىر رەڭ، بېشىنىڭ يان تەرىپى ۋە بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى پەيلىرى  مىس يېشىلىرەڭدە؛ كېكىردىكى ئاق، ئالدى بوينىدا قارا يايلىرى بار، پەيلىرى كۈل رەڭ.

چىپار تۇمشۇق ئۆردەك

چىپار تۇمشۇق ئۆردەكنىڭ پەيلىرى قوڭۇر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى قارا، ئۇچى سېرىق قاناتلىق ئەينىكى سۆسۈن كۆك.

قىزىل قانات ئۆردەك

قىزىل قانات ئۆردەكنىڭ ئۈستۈنكى بەدىنى كۆپىنچە سۇس قوڭۇر، ئارىلاش دولقۇن شەكىللىك ئاق سىزىقلىق، كۆكرىكى قوڭۇر، ھىلال ئاي شەكىللىك ئاق سىزىق بار، قورساق قىسمى كۈل رەڭ، ئاق-قارا ئىككى رەڭلىك قانات داغلىرى بولىدۇ.

قىزىل بويۇن ئۆردەك

قىزىل بويۇن ئۆردەكنىڭ بېشىنىڭ چوققىسى قوڭۇر ئاق، بوينى كۆپىنچىسى قىزىل كاشتان رەڭلىك، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ، ئەمما تۇتۇق رەڭلىك سىزىقسىمان، قارامتۇل كۈلرەڭ قوڭۇر قانات داغلىرى بولىدۇ.

ئاق قاش ئۆردەك

ئاق قاش ئۆردەك (چۇررەك) نىڭ بېشىنىڭ چوققىسى بىلەن بوغۇزى قارا قوڭۇر رەڭلىك، ئاق يوللۇق بەلگىسى بار، كۈل رەڭ يېشىل قانات داغلىرى بولىدۇ.

پالاق تۇمشۇق ئۆردەك

پالاق تۇمشۇق ئۆردەكنىڭ ئېغىزى ئالدى ئۇچى كېڭىيىپ ياسالغان كۈرەك شەكىللىك، بېشى قارامتۇل سۆسۈن رەڭدە، كۆكرىكىنىڭ ئاق قاناتلىق ئەينىكى يېشىل، قورسىقى بېغىر رەڭ.

ياۋا ئۆردەكياۋا ئۆردەك ياۋايى بولسىمۇ، لېكىن قورقۇنچاق، ھۇشيارلىقى ئۈستۈن، ئەگەر ناتونۇش ئادەم ياكى چارۋا، ياۋايى ھايۋانلارا يۇلۇققاندا توپ-توپ بۇلۇپ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بۇلۇپ، ئىسسىق ۋە سوغۇق، ℃25 ~ 40 ھەممىسىدە نورمال ياشىيالايدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق بېقىش رايون ئىنتايىن كەڭ. كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈ ، كېسەللىك ئاز يۈز بېرىدۇ، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، تۈجۈپىلەپ بېقىشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

ياۋا ئۆردەك بىر يىلدا ئىككى قېتىم تۈك تاشلايدۇ. ياز ۋە كۈز پەسلى ئارىلىقىدا ھەممە پەيلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. قىسمەنلىى كۈز بىلەن قىش ئارىلىقىدا تۈك تاشلايدۇ.

ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ ھەم مۇرەككەپ، ئادەتتە كىچىك بېلىق، راك لىچىنكىسى، سەدەب، قۇرت-قوڭغۇز، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، پايە، پېلەك، يۈسۈنلەر ۋە دانلىق زىرائەت قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

ياۋا ئۆردەك جۇڭگو نىڭ شەرقىي شىمال، شىنجاڭ، شىزاڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا كۆپىيىدۇ؛ قىشلىق ۋاقىتتا چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى ياكى تېخىمۇ جەنۇبىي رايونلاردا قىشلايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#