جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقوللىنىپ، 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 40-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国警察法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 40-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا ماقوللىنىپ، 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 40-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى.

2-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى–دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇنىي مال–مۈلكىنى قوغداش، جامائەت مال–مۈلكىنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاش.

خەلق ساقچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تۈرمە باشقۇرۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشنى باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى قانۇن ساقچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا خەلق ساقچىلىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى، جان–دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شەرت.

4-ماددا خەلق ساقچىلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، پاك–دىيانەتلىك بولۇشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت.

5-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

ئىككىنچى باب خىزمەت ھوقۇقى

6-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى مەسۇلىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

(1) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالىدىنى ئالىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە تەھقىقلايدۇ؛

(2) جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە زىيانلىق قىلىمىشلارنى توسىدۇ؛

(3) قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش تەرتىپىنى ساقلايدۇ، قاتناش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

(4) ئوت ئۆچۈرۈش–ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، يولغا قويىدۇ، نازارەت قىلىدۇ؛

(5) قورال–ياراغ، ئوق–دورىلارنى باشقۇرىدۇ، تىغلىق ئەسۋەبلار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، پارتىلايدىغان ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى تىزگىنلەيدۇ؛

(6) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كەسىپلەرنى باشقۇرىدۇ؛

(7) دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاھىدە خادىملارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، مۇھىم سورۇنلار ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغدايدۇ؛

(8) يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدۇ؛

(9) نوپۇس، دۆلەت تەۋەلىكى، چېگرىدىن كىرىش–چىقىش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدۇ؛

(10) دۆلەت چېگرىسى رايونى، چېگرا رايونىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلايدۇ؛

(11) رېجىمغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەر ۋە جازاسى تۈرمە سرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى ئىجراقىلىدۇ، جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىدۇ، كۆزىتىدۇ؛

(12) ئېلىكتىرۇنلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئۇچۇر سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛

(13) دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكلاتلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش–ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛

(14) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلىەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.

7-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇشقا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە باشقۇرۇشقا دائىر باشقا قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان شەخس ياكى تەشكىلاتلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى قوللانسا، مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ.

8-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ياكى جامائەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە، قانۇن بويىچە توختىتىپ قويسا ياكى ئۇلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

9-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزدى، دەپ گۇمانلارنغانلارنى مۇناسىپ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرسە، تەكشۈرسە بولىدۇ، سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزگەندە، ئۇنى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئورگانغا تەستىقلتىپ داۋاملىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

(1) جىنايى قىلمىشى بار دەپ ئەيىنلەنگەن بولسا؛

(2) نەق مەيداندا دېلو سادىر قىلىدى، دەپ گۇمان قىلىنىغان بولسا؛

(3) دېلو سادىر قىلدى دەپ گۇمان قىلىنىپ، سالاھىيتى ئېنىق بولىمىسا؛

(4) يېنىدىكى بۇيۇمنىڭ زاڭ مال بۇلۇش ئېھتىمالى بولسا سۈرۈشتۈرۈلگۈچىنى تۇرغۇزۇش  ۋاقتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەھۋال ئالاھىدە بولسا، ناھىيە دەرىجىىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن 48 سائەتكىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ ھەمدە سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسى قالدۇرۇلىدۇ.

داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش تەستىقلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ياكى ئۆز ئورنىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش تەستىقلانمىغان بولسا، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىش لازىم.

جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، سۈرۈشتۈرۈلگۈچىگە قارىتا قانۇن بويىچە توختىتپ قويۇش ياكى باشقا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشىقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يۇقىرىدىكىدەك قارارنى چىقىرىش مۇمكىن بولمىسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچىنى دەرھال قويۇپ بېرىش لازىم.

10-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسىتىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈش، تۈرمىدىن قېچىش، قورال–ياراقنى تارتېۋىلىش ياكى باشقا زوراۋانلىق قىلمىشى بويىچە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.

11-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسۇش ئېھىتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېھتىيات سايمانلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

12-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچلىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەھقىقلاش ئېھتىياجى بىلەن، توخىتىتىپ قويۇش، ئاختۇرۇش، قولغا ئېلىش ياكى باشقا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە قوللانسا بولىدۇ.

13-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جىددى ئېھتىياجى بىلەن، مۇناسىپ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدىن ئالدىن پايدىلانسا، قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا ئالدىن ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەتنى تەھقىقلاش بىلەن زۆرۈر تېپىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرنىڭ قاتناش قورالى، خەۋەرلىشىشى قورالى، سورۇنى ۋە ئۆي–ئىمارىتىدىن ئالدىن پايدىلانسا بولىدۇ، پايدىلنىپ بولۇپ ۋاقتىدا قايتۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق ھەق تۆلىشى، زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەپ بېرىشى لازىم.

14-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن روھىي كېسەللەرگە، قوغداش يۈزىسىدىن چەكلەش تەدبىرىنى ۋەسىيلىك قىلىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە ۋاقىتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

15-ماددا ناھيىە دەرىجىلكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش قىلىمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن، مەلۇم رايون ۋە ۋاقىتتا، ئادەم ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلىسە ياكى توختاتسا، زۆرۈر تېپىلغاندا قاتناشنى ئىدارە قىلىسا بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قاتناشنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

16-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىىرىگە ئاساسەن، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى پۇختا ئۆتەپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان تاساددىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلىەن ئەھۋالغا قاراپ، نەق مەيداننى ئىدارە قىلسا بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئالدىنىقى تارماقتىكى بەلگلىمە بويىچە زۆرۈر ۋاسىتلەرنى قوللىنىپ، نەق مەيداندىكىلەرنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتسە ھەمدە بويسۇنمىغانلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە ياكى دەرھال توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

18-ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تۈرمە باشقۇرۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشنى باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى، ھوقۇقىنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قائىدە–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

19-ماددا خەلق ساقچىلىىرى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە ياتىدىغان جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

ئۈچىنچى باب مەجبۇرىيەت ۋە ئىنتىزام

20-ماددا خەلق ساقچىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇندىىشى شەرت : (1) قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش ، ئىشتا ئادىل بولۇش؛

(2) ئىجتىمائىي ئەخلاققا نەمۇنىلىك رىئايە قىلىش؛

(3) كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش، ۋەزىپە ئۆتەشتە مەدەنىيەتلىك بولۇش؛

(4) خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆرپ –ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش.

21-ماددا خەلق ساقچىلىرى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى دەخلى–تەرۇزگە ئۇچرىغاندا ياكى پۇقرالار باشقا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا دەرھال قۇتقۇزۇشى، پۇقرالار ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىغاندا ياردەم بېرىشى، پۇقرالار دېلو مەلۇم قىلغاندا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

خەلق ساقچلىرى خەۋپ–خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى لازىم.

22-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

(1) دۆلەتنىڭ شان–شۆھرىتىگە داغ تەگكۈزىدىغان گەپ–سۆزلەرنى تارقىتىش، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشى، دۆلەتكە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدىكى يىغىلىىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە، ئىش تاشلاشقا قاتنىىشىش.

(2) دۆلەت مەخپيەتلىكىنى، ساقچىلىق خىزمىتى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(3) ساختىپەزلىك قىلىش، دېلو ئەھۋالىنى يوشۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانات ئاستىغا ئېىلىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش؛

(4)ئەيىبكارلارنى قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرارقىلدۇرۇش ياكى ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئۇلارنى خورلاش؛

(5) باشقىلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش، باشقىلارنىڭ يېنىنى، نەرسىسىسنى، تۇرار جايىنى ياكى سورۇنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش؛

(6) قاقتى–سوقتى قىلىش ياكى پارا سوراش ۋە پارا ئېلىش؛

(7) باشقىلارنى ئۇرۇش ياكى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش؛

(8) قانۇنغا خىلاپ ھالدا جازالاش ياكى ھەق ئېلىش؛

(9) دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلرىنىڭ زىياپىتىگە قاتىنىشىش، سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىش ؛

(10) پايدا تېپىش خاراكتىرىدىكى تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى ھەر قانداق شەخس ياكى تەشكىلاتقا ياللىنىش؛

(11) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتتىن باش تارتىش؛

(12) قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش؛

23-ماددا خەلق ساقچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە كېيىنىشى، خەلق بەلگىسىنى تاقىشى ياكى خەلق ساقچىسىسى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى، خەلق ساقچىسى فورمىسى رەتلىك، يۈرۈش–تۇرۇشى دۇرۇس بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى باب تەشكىللەش–باشقۇرۇش

24-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت خاراكتېرى، ۋەزىپىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەشكىلىي ئاپپارات ۋە ۋەزىپە رېتىنى بەلگىلەيدۇ.

25-ماددا خەلق ساقچىلىرى ئارىسىدا قانۇن بويىچە ساقچى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

26-ماددا خەلق ساقچىسى بولىدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :

(1) 18 ياشقا توشقان پۇقرا بولۇش؛

(2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛

(3) سىياسىي ، كەسپىي ۋە ئەخلاقىي ياخشى بولۇش؛

(4) تېنى ساغلام بولۇش؛

(5) تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتى بولۇش؛

(6) خەلق ساقچىسى خىزمىتىنى خالايدىغان بولۇش.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار  خەلق ساقچىسى بولۇشقا بولمايدۇ؛

(1) جىنايەت سادىر قىلىپ جازاغا ئۇچرىغانلار؛

(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر.

27-ماددا خەلق ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، ياخشىلىرىنى تاللاش شەرت.

28-ماددا خەلق ساقچىىسى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك :

(1) قانۇن كەسپىي بىلىمى بولۇش؛

(2) سىياسىي قانۇن خىزمىتى تەجرىبىسى ۋە مەلۇم تەشكىللەش، باشقۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى بولۇش؛

(3) ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش؛

(4) خەلق ساقچىلىرى مەكتەپلىرىدە تەربىيلىنىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان بولۇش.

29-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، خەلق ساقچىلىرىنى سىياسىي، ئىدىيە، قانۇنچىلىق، ساقچى كەسپى جەھەتلەردە پىلانلىق تەربىيلەيدۇ.

30-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت خاراكتىرى، ۋەزىپىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ياش چەكلىمىسىنى بەلگىلەيدۇ.

31-ماددا خىزمەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان خەلق ساقچىلىرى ياكى كوللېكتىپلار مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات، تەقدىرلەش، 3-دەرىجىلىك ، 2-دەرىجىلىك ، 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، شەرەپلىك نام بېرىشكە بۆلىنىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، مۇكاپاتلانغان خەلق ساقچلىرىنىڭ ئۇنۋانى، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا مەلۇم ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ.

بەشىنچى باب ساقچىلىق كاپالىتى

32-ماددا خەلق ساقچلىرى يۇقىرىنىڭ قارارى ۋە بۇيرۇقىنى ئىجرا قلىشى شەرت.

خەلق ساقچىلىرى قارار ۋە بۇيرۇق خاتا دەپ قارىسا، بەلگىلىمە بويىچە پىكىر بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقىنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ قويۇشىغا ياكى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ پىكىرى قوبۇل قىلىنمىسا، قارار ۋە بۇيرۇققا بويسۇنۇشى شەرت؛ قارار ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىگە شۇ قارار ۋە بۇيرۇقنى چىقارغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك مەسئۇل بولىدۇ.

33-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن كۆرسەتمىلەرنى ئىجرا قىلماسلىققا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

34-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى لازىم. پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار تەقدىرلىنىدۇ ۋەمۇكاپاتلىنىدۇ.

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە يارىلانسا، ئۆلۈپ كەتسە ياكى مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە نەپەقە ياكى تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

35-ماددا خەلق ساقچلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىپ ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە جازالىنىدۇ؛

(1) ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنى ئوچۇقتىن– ئوچۇق ھاقارەتلىگەنلەر؛

(2) خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل–ئىسپات ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(3) خەلق ساقچىلىرىنىڭ قوغلاپ تۇتۇش، ئاختۇرۇش، خەۋپ–خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەر بىلەن ئالاقىدار تۇرار جاي، سورۇنلارغا كىرىشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(4) ئادەم قۇتقۇزۇش، خەۋپ–خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قوغلاپ تۇتۇش، مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق جىددىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى قاتناش ۋاستىلىرىغا قەستەن توساق قويغانلار؛

(5) خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

36-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى، ئېھتىيات سايمانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرىدۇ، باشقا شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ئىشلىشىگە، ئېلىپ–سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى، ئېھتىيات سايمىنى، گۇۋاھنامىسى خەلق ساقچىلىرىغىلا خاس بولۇپ، باشقا شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىگە بولۇۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالدىنىقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىگەن، ئېلىپ–ساتقان، ئىگە بولۇۋالغان، ئىشلەتكەن ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى، ئېھتىيات سايمىنى، گۇۋاھنامسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

37-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىراجىتى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پرىنسىپى بويىچە مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

38-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئېھتىياجىلىق بولغان خەۋەرلىشىش، تەلىم–تەربىيە ئەسلىھەلىرى ۋە قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش–ئالدىنى ئېلىش، پەيچۇسو، تۈمە، سولاقخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

39-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرنىڭ قورال–جابدۇقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئىلغار پەن–تېخنىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىدۇ، قوللىنىدۇ.

40-ماددا خەلق ساقچىلىرى ئارىسىدا دۆلەت خىزمەتچىسى ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلار دۆلەت بەلگىلىگەن ساقچى ئۇنۋان قوشۇمچە پۇلى ۋە باشقا قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇل شۇنىڭدەك سۇغۇرتا، پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

41-ماددا خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرى خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرگە ئوخشاش دۆلەتنىڭ نەپەقىسى ۋە ئېتىبارىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ياكى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ نەپەقىسىى ۋە ئېتىبارىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

ئالتىنچى باب قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكى

42-ماددا خەلق ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن مەمۇرىي رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.

43-ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش پائالىيىتى ئۈسىتىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆرگەن چارىسى ياكى چىقارغان قارارىدا خاتالىق بارلىقىنى سەزگەندە ، كۈچتىن قالدۇرۇلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ .

44-ماددا خەلق ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى شەرت. خەلق ساقچىلىرى ئورگىنىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان بەلگىلىمىلىرى ئاممىغا ئېلان قىلىنىشى لازىم.

45-ماددا خەلق ساقىچلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چەتلەپ تۇرۇشى لازىم، دەۋالاشقۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكالەتچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

(1) شۇدېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق–تۇغقانلىرى بولغان بولسا؛

(2) ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان بولسا؛

(3) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بولسا؛

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىەنگەن چەتلەپ تۇرۇشىنى، ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېكىتىدۇ.

46-ماددا پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى، خەلق ساقچىلىرى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەمۇرىي رېۋىزىيە ئورگىنىغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇن بويىچە پاش قىلغان، شىكايەت قىلغان پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنى بېسىشىغا ۋە ئۇلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى رېۋىزىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن– نىزاملارنى ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

يەتتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى

48-ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەمۇرىي چارە : ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، خىزمەتتىن ھەيدەش دەپ ئايرىلىدۇ. مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى ئۇنۋانى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۆۋەنلىتىلسە، بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان خەلق ساقچىلىرىغا قارىتا، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى توختىتىش، سولاپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ.

49-ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن قورال، ئېھتىيات سايمىنىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ : جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ .

50-ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ، پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى–تەرۇز قىلىپ، زىيان كەلتۈرگەنلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.

سەككىزىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ

51-ماددا جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى دۆلەت تاپشۇرغان خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

52-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنغان«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى نىزامى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#