پاقا شىرىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چارپاقىنىڭ قۇلاق ئارقا بىزى ۋە تېرە بىزىدىن ئاجىرتىپ ئېلىنغان ئاق شىرنىلىك سۇيۇقلۇق «پاقا شىرىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى كۆپ خىل سىتروئىدلىق بىرىكمىلەردىن تەركىب تاپقان.
قان بېسىمىنى يۇقۇرلىتىش، شۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرى بار.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
زەھەر ۋە ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سپازما بوشىتىش.
زىققا، چىش ئاغرىقى، قاپارتما، دانخورەك، يىرىڭلىق ئىششىق، يۈرەك ئاجىزلىق، باللاردىكى سۇزۇلما خاراكتىرلىك ھەزىم بوزۇلۇش، راك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. بىر دانە تۇخۇ تۇخۇمىنى پاقىنىڭ ئاغزىدىن ئىچىگە سېلىپ، سىرتىنى قەغەز بىلەن ئۇراپ، قەغەزنىڭ سىرتىدىن لاي بىلەن ئۇراپ ئۇچاققا سېلىپ پۇشۇرۇپ، تۇخۇمنى ئېلىپ يەپ، ئاندىن ئىككى سەر سېرىق ھاراق ئىچسە، زىققىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قۇرۇتۇلغان پاقا شىرىسىدىن ئازىراق ئېلىپ (ئۇنىڭغا تەڭ مىقداردا قارمۇچ قۇشۇپ) پاختا بىلەن ئۇراپ ئاغرىغان چىشقا باسسا ياكى قۇرۇتۇلغان پاقا شىرىسىنى قۇرۇت يىگەن تۆشۈككە سالسا قۇرۇت يىگەن چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىرىسىدىن 0.5 ~1 مىللىلىتىر، دائىم كومىلاچ دورىلارنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئىچىلىدۇ، سىرىتقا مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار ئىچىش مەنى قىلىنىدۇ.
ھەسەل، خۇنسىياۋشەن.
چارپاقا.
مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.