تاغىل ئالما

تاغىل ئالما

تاغىل ئالما مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق دۈگىلەك، ئېغىلىقى 120 گرام ئەتراپىدا، پوستى قېلىن، رەڭگى قىزىل بېغىرەڭ، تاغىل، كۈن تەگمىگەن تەرىپى كۆكۈچ تاغىل رەڭدە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تاغىل ئالما
خەنزۇچە نامى 夏柠檬苹果

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاغىل ئالما سورت دەرىخىنىڭ رەڭگى كۆكۈچ بېغىررەڭ ، ئوتتۇرا دەرىجىدە كېڭىيىپ ئۆسىدۇ ، مېۋە شاخچىلىرى زىچ ، نوتىلىرى ئەگرى ماڭىدۇ ، يوپۇرمىقى ئوتتۇراھال سوزۇق ، كەڭ نېپىزرەك بولىدۇ ، 5-6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . 

مېۋىنىڭ شەكلى ۋە تەمى

مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق دۈگىلەك، ئېغىلىقى 120 گرام ئەتراپىدا، پوستى قېلىن، رەڭگى قىزىل بېغىرەڭ، تاغىل، كۈن تەگمىگەن تەرىپى كۆكۈچ تاغىل رەڭدە بولىدۇ. دەسلەپتە چۈچۈمەلرەك، يېتىلگەندە چۈچىمەل تاتلىق، سۇلۇق بولىدۇ. ئېتى يۇمشاقراق، پىشقاندىن كېيىن قارا بېغىررەڭ ھالەتكە كىرىدۇ. شىرنىسى ئوتتۇراھال، سەل خۇشبۇي پۇرايدۇ. 

تۈرلىرى

تاغىل ئالمىنىڭ تاتلىق تاغىل، بېغىررەڭ تاغىل، ئارا چۈرۈك تاغىل، ساختا تاغىل قاتارلىق تۈرلىرى بار.

سورت ئالاھىدىلىكى

بۇ سورت شىنجاڭ ئىلى رايونىدا 8- ئاينىڭ بېشىدىن 25-كۈنىگىچە يېتىلىپ بولىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى ، دەرىخى سوغۇققا بىر قەدەر چىداملىق.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#