- سايباغ يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
- سايباغ يېزىسى (قاغىلىق ناھىيەسى)
سايباغ يېزىسى
سايباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سايباغ يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 21 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن ئاقساراي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي قىسمى بىلەن زاۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، چۆل كىندىكىدە گۇما ناھىيەسى نىڭ غەربىدىكى دۇۋا بازىرى بىلەن قوشنا، شەرقىي تەرىپى قاراقاش دەرياسى بىلەن خوتەن ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ جەنۇبتا كوئېنلۇن تېغى بىلەن خوتەن ناھىيەسى چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبى ئۇلۇغئاتا تېغى بىلەن چېگرالىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1345 ~ 3663 مېتىر، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇ، جەنۇبتىن شىمالغا تار ۋە ئۇزۇن، يانتۇلۇقى چوڭراق. يەر كۆلىمى 2227 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 33399 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.41 مو.
سايباغ يېزىسى چۆللۈكتىكى باغ دېگەن مەنىدە. نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، بۇ يەر تۇتاش كەتكەن چۆل بولۇپ، ئاھالىسى شالاڭ، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار، شۇ يەردىكى خەلق ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بۇ مىڭ يىللىق چۆلنى بوستانلىققا ئۆزگەرتىپ، ھەمدە يېزا ئىگىلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم دەرەخ مېۋە، يەنە ھەر خىل باقمىچىلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان، شۇڭا سايباغ دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، خوتەن نىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان.
1927-يىلىدىن 1944-يىلى قاراقاش ناھىيەلىك 8-رايون قىلىنغان.
1944-يىلىدىن كېيىن، 1-، 2-، 3-باشقۇرۇش رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلق يېزىسى قۇرۇلغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەسى نىڭ 3-رايونى قىلىنغان، قارىمىقىدا قىشلىق، سايباغ، تۇغايا، توزاقچى، ئۇجات، ئوسۇنرىلى قاتارلىق 6 يېزا بولغان.
خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 3- ۋە 4-رايون بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالغا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.
1962-يىلى 3-رايونغا ئايرىپ چىقىلغان، ئالغا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.
1978-يىلى سايباغ گۇڭشېسى قۇرۇلغان.
1984-يىلى قىسمدىكى بىر باشقۇرۇش رايونى، سايباغ يېزىسى قۇرۇلغان.
2006-يىلى، تەۋەلىكىدە 17 يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، 27 مەمۇرىي كەنت، 117 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 7823 ئائىلىلىك (يېزا نوپۇسى 7628 گە، شەھەر نوپۇسى 195 ئائىلىلىك) ئومۇمىي نوپۇسى 30362 ئادەم، (15441 ئايال)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 30351 ئادەم، %96 نى ئىگەللىگەن، خەنزۇ لار 11 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.04 نى ئىگەللىگەن.
2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6319.51 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 5391.29 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %85.31 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ 388.17 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %6.14 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ 540.04 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %8.55 نى ئىگەللىگەن. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1365.00 يۈەنگە يەتكەن.
يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 380000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 433.47 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 16472 توننا. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 19200 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 393.13 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 7548 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 18140 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 476.02 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8635 توننا، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 660 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 437.88 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 289 توننا، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 600 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 130 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 78 توننا (ساپ پاختا)غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا-مال 80680 تۇياققا يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.