ئوردان
ئوردان بولسا يامـاشـقۇچـى پېـلەكلـىـك ئۆسۈمـلۈك ئوردان (Rucia Cordifolia) ۋە يـاۋروپـا ئـوردانـى (Rubia tintorum) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى، ئوردان نامىدا بەزىدە رويان نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش،تېرىنى پارقىرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوردانئوردان بولسا ئـوردان ئائىلىســىدىـكـى كۆپ يىلــلىق ســامان غولـلـۇق يامـاشـقۇچـى پېـلەكلـىـك ئۆسۈمـلۈك بۇلۇپ، پېـلەكلـىـك ئۆسۈمـلۈك ئوردان (Rucia Cordifolia) ۋە يـاۋروپـا ئـوردانـى (Rubia tintorum) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى، ئوردان نامىدا بەزىدە رويان نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا مېۋىسى پىشىپ تۆكۈلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىندۇ. ئېلىمىزنىڭ سەنشى، جياڭشى، ئەنخۇي، خېنەن، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ياۋروپا، ئوتتۇرا دېڭىز، ھىندىستان، پاكىستان،روسسىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
تېرىگە رەڭ بېرىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش،تېرىنى پارقىرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
1. قان توختىتىش تەسىرى بار؛
2. قان پىلاستىنكىسىنىڭ ئۇيۇشىغا قارشى تۇرۇش رولى بار؛
3. ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى يۇقىرى كۆتىدۇ؛
4. ھۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش رولى بار؛
5. بەدەن سىرتىدىكى تەجرىبىدە ئوردان سۇ ئېرىتمىسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغ زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، تارقىلىشچان زۇكام تاياقچە باكتېرىيە ۋە قىسمەن تېرە زەمبۇرۇغلىرىغا قارىتا تورمۇزلاش رولى بار؛
6. كىچىك چاشقان تەجرىبىسىدە، ئاق قان راكى ھۈجەيرىسى، سۈت بەز راكى ھۈجەيرىسى، قارا پىگمىنت ئۆسمە ھۈجەيرىسى، بوغماق ئۈچەي راكى ھۈجەيرىسى قاتارلىق راك ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا تورمۇزلاش تەسىرى بار؛
7. يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىككە قارىتا قوغداش رولى بار؛
8. سىلىق مۇسكۇلغا بولغان تەسىرى : ئورداننىڭ سۇدىكى قايناتمىسى توشقاننىڭ بەدەندىن ئايرىلغان ئۈچىيىگە قارىتا سىپازما قايتۇرۇش رولى بار، تۇلۇم چاشقاننىڭ بەدەندىن ئايرىلغان بالاياتقۇسىغا قارىتا قوزغىتىش رولى بار.
تـەركـىـۋىـدە پـۇرپـۇرىـن(Purpurin) .پـۇرپـۇروكـسـانـتـىـن(Purpuroxantnin)، ئالىـزارىن(Alizarin) ۋە ئوردان كىسلاتاسـى، پېـسـېۋدو پۇرپۇرىـن(Pseodopurpurin) قاتارلىق ئانتىراكۇينون خىلىدىكى تەركىبلەر بار.
ئوردان1.ئورداننىڭ سۇپۇپىدىن ئۈچ گرامنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچسە،جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ بېرىلسە، سېرىق كېسەل ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ،
2.ئوردان، سۆرۈنجان، بەدىيان قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، سانادىن 15 گرام ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ بەرسە بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.ئوردان، ئاقىرقەرھا، ئىگىر، كاسىنە يىلتىزى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، ئىزخىردىن 15 گرام، ھەسەلدىن 200 گرام ئېلىپ مائۇل ھەسەل تەييارلاپ بەرسە پالەچ، لەقۋا، رەئىشە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەجۈنى دەبىدلۋەرد،داۋا ئۆلكۆكۈم.
سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، جىگەر ۋە تال توسۇلۇش، سېرىقلىق چۈشۈش،ئاق كېسەل، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.