چۇپۇرشاڭ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چۇپۇرشاڭ (ئۆسۈملۈك)
  2. چۇپۇرشاڭ (خام دورا)
ئۆسۈملۈك

چۇپۇرشاڭ

جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا «كەلگەندە ئۈچىنچى ئاينىڭ ئۈچىگە، چۇپۇرشاڭ تولار شىپالىق كۈچىگە» دېگەن تەمسىل بار. ھەر قېتىم چوكانتال(كۆكلەم) مەزگىلىگە كەلگەندە ئاياللار ۋە بالىلار ئېتىز-ئېرىق ياقىلىرىدىن كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمايدىغان بىر خىل ياۋا چۇپۇرشاڭنى تېرىپ كېلىپ، چۆچۈرە، تۈگرە(بەنشىر) ۋە تۈرمەل قاتارلىق تاماقلارنى ئېتىپ يەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چۇپۇرشاڭ
تارقالغان رايونلار جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ، ھىندىستان ، ئافرىقا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كرېست گۈللۈكلەر ئائىلسى
خەنزۇچە ئىسمى 芥菜
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى چۇپۇرشاڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  چۇپۇرشاڭ ئادەتتە چوكانتال ئوتيېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېتىز-ئېرىق ياقىلىرى ۋە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.

چۇپۇرشاڭنىڭ تەمى ئالاھىدە مەززىلىك، تەركىبىدە11 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. 

ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا، چۇپۇرشاڭ تەركىبىدە خولىن، ئاتسېتىل خولىن، روتىنوزىد، رۇتىن، رېزېدان قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىكەن. يەرلىك خەلقلەر دائىم چۇپۇرشاڭ ئۇيۇتمىسى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمى، ئۈچەي-ئاشقازان ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، تولغاق(دېزېنتېرىيە) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىكەن.

شاڭخەيدە چۇپۇرشاڭنى ئالاھىدە كۆكتات سۈپىتىدە تېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يىل بويى تەمىنلەيدىكەن. شاڭخەيدە يەنە بىر «ياۋا چۇپۇرشاڭ تائاملىرى(يېۋىشياڭ) » دەيدىغان بىر ئاشخانا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس گۆشلۈك ياۋا چۇپۇرشاڭ چۆچۈرىسى سېتىلىدىغان بولغاچقا، ئاشخانىنىڭ داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#