سانجاي دۇت

سانجاي دۇت

سانجاي دۇت 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، كومىدىيە ئارتىسى، سىياسىي شەخس، تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سانجاي دۇت
چەتئەلچە ئىسمى sanjay dutt
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
خەنزۇچە ئىسمى 桑杰·达特
تۇغۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى
كەسپى رول ئېلىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجاي دۇت

سانجاي دۇت 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. 

سانجاي 1972-يىلى 13 يېشىدا بالا ئارتىس سۈپىتىدە «رېشما ئورشېلا» ناملىق فىلىمدا رول ئالغان. سانجاي 1981-يىلى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغاندىن كېيىنكى 20 يىلدا «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ ئارتىسى سۈپىتىدە 60 تەك فىلىمدە رول ئالغان، ئۇ بۇ جەرياندا تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى كىنوچىلىق مۇنبىرىدە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە بولغان. 

ھازىر ئۇ «بوللىۋود»نىڭ ئەڭ جەلپكار چولپانلىرىنىڭ بىرى. 1986-يىلى سانجاي «نام» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، بۇ فىلىم ئۇنىڭ مۇشۇ چاغقىچە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.

بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇ ھىندىستاندا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان ھەمدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان. ئۇ شۇ تەرىقىدە تۈرلۈك فىلىملەردا ھەرخىل ئوبرازلاردا نامايان بولۇپ تۇرغان ھەمدە كىنو مەستانىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

«بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، كومىدىيە ئارتىسى، سىياسىي شەخس، تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى. 

ئۇ دادىسى سۇنىل دۇتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن 22 يېشىدا، يەنى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم دادىسى رېژىسسورلۇق قىلغان «روككى» ناملىق فىلىمدا رول ئالغان. بۇ فىلىم يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان، ئەمما ئاتا-بالا ئىككىيلەن بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەي تۇرۇپلا، دادىسى يېقىن سىردىشى، ئايالىدىن، سانجاي ئاپىسى نەرگىستىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان. شۇ يىلى ھىندىستان تارىخىدىكى مەشھۇر ئارتىسلارنىڭ بىرى نەرگىس راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

سانجاي دۇتھىندىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىدىن جەكى شروف، سۇنى دېئۇل، گوۋىندا، مىتۇن چاكرابورتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈرلۈك فىلىملەرگە رولغا چىقىدۇ ھەمدە يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.

1990-يىللىرىغان كەلگەندە سانجاي بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەردە رول ئېلىپ، ئىككى قېتىم « ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ. سانجاي تازا كۆزگە كۆرۈنۈپ، كىنوچىلىق مۇنبىرىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. كىيىن «دائۇد» ناملىق فىلىمدە رولغا چىقىپ، بىراقلا يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.

1999-يىلى، سانجاي دۇت ئۈچۈن بىر خەيرلىك يىل بولىدۇ، بۇ يىلى ئۇ رولغا چىققان بەش فىلىمنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ئۇتۇق قازانغان ھەمدە «ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

سانجاي دۇت ۋە ئايالى

سانجاي دۇت 1989-يىلى ئىشلەنگەن «تەنىدار» ناملىق فىلىمدە ئۆزى بىلەن بىرگە رول ئالغان مەدۇرى دىشىت مۇھەببەتلەشكەن.

 سانجاي شەخسىي تۇرمۇشىدا تۇنجى ئايالى رىچا شارما راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ، زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغان، كېيىن زەھەرنى تاشلىغان. ئۇنىڭ ھازىر رىچادىن ترىشالا ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، 1988-يىلى تۇغۇلغان.

 بۇ قىزى ھازىر بوۋا-مومىسى بىلەن ئامېرىكىدا تۇرىدۇ. 1998-يىلى ئۇ ئۆزى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە يېنىدىن ئايرىلماي ھەمراھ بولغان ئۇزۇن يىللىق دوستى، مودېل رىيا پىللاي بىلەن تاج ماھال مېھمانسارىيىدا توي قىلغان، لېكىن 2005-يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن.

 ئۇ 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھازىرقى ئايالى مانياتا بىلەن توي قىلغان ھەمدە ئۈچ بالىلىق بولغان. بالىلىرىنىڭ بىر جۈپى قوشكېزەك بولۇپ، ئوغۇلنىڭ ئىسمى شاھران، قىزىنىڭ ئىسمى ئىكارا، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى دىلناۋاز.

 «كارتوس»، «داغ»، «ئادالەتپەرۋەر ساقچى»، «جودى»، «پىتاخ»، «كانتې»، «مۇننا ئەپەندى»، «مۇساپىر»، «پىلان»، «كەشمىردىكى ۋەزىپە»، «دائۇد»، «دامال»، «لوكاندۋالادىكى جەڭ»،«تەنىدار»،

سانجاي دۇت

 سانجاي دۇت كىنوچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن مۇكاپات ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

سانجاي دۇت 1992-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە جەمئىي سەككىز قېتىم ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول» دېگەن مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان.

 2000-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە جەمئىي بەش قېتىم «يۇلتۇز كىنو مۇكاپاتى»نىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۆت قېتىم ھىندىستان خەلقئارا كىنو ئىنىستىتىتۇتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر كومىدىيەلىك ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى، ھىندىستان كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 2004-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۈچ قېتىم «يۇلتۇز» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى ۋە 2007-يىلى ئىككى قېتىم ZEE «ئالتۇن پىل» كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 2004-يىلى بوللىۋود كىنو مۇكاپاتىنىڭ «ئوبزورچى مۇكاپاتى»، «ئەڭ تەسىر قوزغىغان ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 2004-يىلى بېنگال كىنو خەۋەرلىرى مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سانجاي دۇت يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن شان-شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

يېقىندا، داڭلىق مودا ژۇرنىلى Glam mag ئەڭ جەلپكار 100 نەپەر ئەر چولپاننى باھالاپ چىققان. بۇ تىزىملىككە يۇشۇرۇن كۈچى زور، ئەقىل-پاراسەتلىك، يۇمۇرىستىك، جەلپكار ۋە ئىنتىلىشچان ئەر ئارتىسلار كىرگۈزۈلگەن. ھىندىستانلىق كىنو چولپىنى سانجاي دۇتمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇ سانجاي دۇتنىڭ 2016-يىلى يەنە بىر قېتىم «ئەڭ جەلپكار ئەر چولپان» بولۇپ باھالىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

سانجاي دۇت ھازىر ھىندىستان كىنوچىلىق مۇنبىرىدە ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىرگە ئىگە شەخس. ئۇ فىلىملىرىدە ھەمىشە ۋاپادار ئوغۇلنىڭ، قىزلارنى ھىمايە قىلىدىغان لەۋزى ھالال ئەركەكنىڭ، ھەققانىيەتچى، ئادالەتپەرۋەر ساقچىنىڭ، ئاجىزلارغا باشپاناھ بولىدىغان مەرد ئەزىمەتنىڭ، ياۋۇز كۈچلەر ئالدىدا ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ئوغلاننىڭ ئوبرازى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8498683.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#