باربادوس

باربادوس

باربادوس غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى نىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 431 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 284 مىڭ. %70 ى نېگىر، %17 ى شالفۇت نەسىللىك، %4 ى ئاق تەنلىك. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. بىردەك خرىسىتىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى برىجتائۇن. پۇل بىرلىكى باربادوس دوللىرى.

ئۇيغۇرچە نامى باربادوس
قىتئە تەۋەلىكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى
پايتەختى برىجتائۇن
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى
نوپۇسى 284 مىڭ ئادەم (2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴巴多斯
ۋاقىت رايونى UTC-4
دۆلەت شېئىرى In Plenty and In Time of Need
سىياسى تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
نوپۇس زىچلىقى 660 ئادەم/ كۋادرات كىلومېتىر (2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باربادوسباربادوس غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 431 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 250 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ھەر كۋادرات كىلومېترغا 600 كىشى توغرا كېلىپ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئاھالىسى ئەڭ زىچ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ %90 نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خىرىستىئان ھەم كاتولىك دىنى لىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى برىگېتوۋ شەھىرى. باربادوس ئاراللىرىدا ئەسلىدىن تارتىپ ئىندىئان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 

باربادوسنىڭ يەر مەيدانى 431 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 284 مىڭ. %70 ى نېگىر، %17 ى شالفۇت نەسىللىك، %4 ى ئاق تەنلىك. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. بىردەك خرىسىتىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى برىجتائۇن. پۇل بىرلىكى باربادوس دوللىرى.

باربادوسباربادوس غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دىكى كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قاراشلار ئوخشاش ئەمەس. بىرىنچى، ئارالدىن كۆپ چىقىدىغان بىر خىل بۈدۈر تالالىق ئىندىئان ئەنجۈرىنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان. 1518-ئىسپانىيەلىكلەر شېكەر قۇمۇشى ئېكىنزارلىقىدا ئىشلەيدىغان قۇل ئىزدەپ بۇ ئارالغا چىققان. ئارالنىڭ ھەممىلا يېرى ياۋا ئەنجۈر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئەنجۈرنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان قوڭۇر رەڭلىك ئىنچىكە تالالىرى ساقالغا تولىمۇ ئوخشايدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئارالغا <باربادوس ئارىلى Barbados Los> دەپ نام قويۇپتۇ، بۇنىڭ مەنىسى <ساقاللىق ئارال>؛ 

ئىككىنچى ئارالدا ئولتۇراقلاشقان ساقاللىق (bearded) ئىندىئانلاردىن پەيدا بولغان. 

مىلادى 9-ئەسىردە، بىر تۈركۈم ئىندىئان ئالۋاك مىللىتى كىىشلىرى تىرىكچىلىك ئىزدەپ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن دېڭىزدا لەيلەپ بۇ جايغا يېتىپ كەلگەن. تەخمىنەن 400 يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كارىب مىللىتى كىشلىرىمۇ چاتما قولۋاققا ئولتۇرۇپ، ئارالغا كېلىپ بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. 

1518-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارالنى بېسىۋالغان. 

1605-يىلى تۇنجى تۈركۈم ئەنگلىيەلىكلەر باربادوسقا كىلىپ ماكانلاشقان. 

1624-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرلىرى ئارالنى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە دەپ جاكارلىغان. 

1627-يىلى ئارالدا ۋالىي تەسىس قىلىپ ئىدارە قىلغان ۋە غەبىي ئافرىقىدىن تۈركۈملەپ قۇل يۆتكەپ كېلىپ ئېكىنزارلىق ئاچقان. 

1834-يىلى ئەنگلىيە قۇللارنى ئامالسىز ئازاد قىلغان. 

ئارال 1958-يىلى <غەربىي ھىندى فېدېراتسىيىسى> گە ئەزا بولۇپ، 1961-يىلى 10-ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

1961-يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 

1966-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىل بولغان ۋاقىتتا، <باربادوس> دۆلەت نامى بولغان. ئۇ ھازىر ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى. 

باربادوس تروپىك بەلباغقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بولغانلىقتىن، ئىقلىمى نەم ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 دىن 2000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى 

باربادوسباربادوسنىڭ دۆلەت بايرىقىنى بۇ دۆلەتىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى پىشىۋاسى گرانتلېي پرېسگا لايھىلىگەن. 1966-يىلى نويابىردا باربادوس ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۈچ ئەىسر ھۆكۈمرانلىق قىلغان تارىخغا خاتىمە بېرىپ، ئۆز زېمىنىدا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن دېرەڭ بېرىدىغان دۆلەت بايرىقىنى چىقارغان. باربادوس دۆلەت بايرىقى كۆك، سېرىق، كۆك تىك ئۇزۇن چاستىن تەركىب تاپقان. سېرىق رەڭلىك تىك تۆت بولۇڭنىڭ ئىچىگە بىر قارا يالماقلىق نەيزە سىزىلغان. بۇ لايھە بۇ ئارال دۆلەتنىڭ كارىب دېڭىزى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان تۇتىشىپ تۇرىدىغان جفيغا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. كۆك رەڭ بىپايان كەڭ ئوكيان بىلەن ئاسماننى، ئالتۇن رەڭ باربادوسنىڭ مول ئىسسىق بەلۋاغ تۈسكە ئىگە ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز ساھىلىنى بىلدۈرگەن. قارا يالماقلىق نەيزە ئىلگىرى مۇستەملىكچىلىك بولغان چاغدىكى گېربىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئونىڭغا يېڭى مەزمۇن ئاتا قىغان، ئۇ باربادوسنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى خەلق بەھىرىمەن بولدىغان، خەلق ئىدارە قىلىدىغان مۇستەقىل دۆلەتنىڭ سىمۋولدۇر.

دۆلەت گېربى

باربادوسدۆلەت گېربىگە بىر ئەنجۈر دەرىخى سىزىلغان. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، باربادوس دېگەن بۇ دۆلەت نامى مۇشۇ ئارالنى بايقىغان پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئارالدا كۆپ چىقىدىغان ئىندىئان ئەنجۈرىنى ئاتىشىدىن كەلگەنىكەن. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئۈستى ئىككى تال قىزىل گۈل بىلەن بېزەلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا قىزىل ۋە سېرىق ئىككى خىل رەڭدىكى گۈللۈك چەمبىرەك بىلەن بېزەلگەن دۇبۇلغا قويۇلغان. گىرەلەشتۈرلگەن ئىككى شېكەر قومۇشۇنى بىر قارا قول ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، شېكەر قومۇش تېرىش بىلەن قەنت - شېكەرچىلىك كەسىپى بابادوس خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا < ئىپتىخارلىق ۋە تىرىشچانلىق دېگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئوڭ يېنىدا دۆلەت قۇشى بولغان ئاق، قىزغۇچ سېرىق، بېغىررەڭ ۋە كۆك رەڭلىك گۈزەل پەيلىك ساقا قۇش؛ ئوڭ يېنىغا قىلتىراقلىق بىر دېڭىز دېلفىنى سىزىلغان.

باربادوسباربادوسنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل يېغىنى مول بولغانلىقتىن ھەممە ئەتراپ ياپيېشىل ئورمان، ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغان، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شۇڭا <غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ساناتورىيىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللاردا نېفىت، ئاليۇمىن توپىسى قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. ساياھەتچىلىك، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈش بۇ جاينىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ %46 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پاختا، سەي ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىنىڭ ئاساسىنى شېكەر زاۋۇتلىرى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كىيىم-كېچەك فاربرىكىسى، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكترون، نېفىت ئايرىش، يېمەك-ئىچمەك سانائىتى قاتارلىق سانائەتلىرى بار. دۆلەت كىرىمىنىڭ ئاساسىنى شېكەر سانائىتى بىلەن ساياھەتچىلىك ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا يىلىغا سىرتتىن كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر 300 مىڭغا يېتىدۇ. ساياھەتچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىم تاشقى پېرېۋوتىدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.[0]


1518-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارالنى بېسىۋالغان. 

1605-يىلى تۇنجى تۈركۈم ئەنگلىيىلىكلەر باربادوسقا كىلىپ ماكانلاشقان. 

1624-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرلىرى ئارالنى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە دەپ جاكارلىغان. 

1627-يىلى ئارالدا ۋالىي تەسىس قىلىپ ئىدارە قىلغان ۋە غەبىي ئافرىقىدىن تۈركۈملەپ قۇل يۆتكەپ كېلىپ ئېكىنزارلىق ئاچقان. 

1834-يىلى ئەنگلىيە قۇللارنى ئامالسىز ئازاد قىلغان. 

ئارال 1958-يىلى <غەربىي ھىندى فېدېراتسىيىسى> گە ئەزا بولۇپ، 1961-يىلى 10-ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

1961-يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 

 1966-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىل بولغان ۋاقىتتا، <باربادوس> دۆلەت نامى بولغان. ئۇ ھازىر ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#