سۈلەيسۈن

سۈلەيسۈن

قارىماققا ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۆي مۈشۈكىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. سۈلەيسۈن يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋان بولۇپ، ئاساسەن ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇزۇن بولغاچقا، ئېگىز قارلىق تاغلاردىمۇ ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۈلەيسۈن
چەتئەلچە نامى Eurasian lynx
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈركۈمى گۆشخور
خەنزۇچە نامى 猞猁
تەۋە تۈرى يىرتقۇچ ھايۋان
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئۇرۇقدېشى سۈلەيسۈن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈلەيسۈن

 قارىماققا ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۆي مۈشۈكىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90–130 سانتىمېتىر، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 60–70 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 –30 سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 10–19 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇنىڭ تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇيرۇقى قىسقا، لېكىن توم، ئۇچىنى پالتا بىلەن چېپىۋەتكەندەك كالتە بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى قارا بولىدۇ. تۆت پۇتى ئۇزۇن، ئالدى– ئارقا پۇتلىرى تەڭ بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك، قۇلىقىنىڭ تۈۋى كەڭ، ئۇچى تار ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ. ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن ئانتېنناغا ئوخشاش قارا قىل تۈكچىلەر بولۇپ، قۇلىقىنىڭ سىرتقى تەرىپى ۋە چۆرىسى قارا رەڭدە بولىدۇ. قورساق قىسمىدا ئۇزۇن ئاق تۈكچىلەر بولىدۇ. پۇت پەنجىلىرى ياپىلاق بولىدۇ. كۆكرەك قىسمى ئاقۇچ كېلىدۇ، بۇرنى ئەتراپىدا سەزگۈ بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ. كۆز ئەتراپى ئاقۇچ، كالپۇك ئەتراپى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

سۈلەيسۈن يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋان،  ئۇنىڭ يەتتە خىل تۈرى بار ئۇلار : كاۋكاز كەنجى تۈرى، بايقال كەنجى تۈرى، بۈرگىلەر كەنجى تۈرى، شەرقىي كەنجى تۈرى، ئامۇر كەنجى تۈرى، ساردىنىيە ئارىلى كەنجى تۈرى، سىبىرىيە كەنجى تۈرى قاتارلىقلار.

سۈلەيسۈنسۈلەيسۈن ئاساسەن ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇزۇن بولغاچقا، ئېگىز قارلىق تاغلاردىمۇ ھەرىكەت قىلالايدۇ، ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. كۈندۈزى ئاساسەن دەم ئېلىپ، كېچىسى ۋە سەھەردە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ سەھەردە ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ، بەزى چاغلاردا 2–3 تىن بولۇپ ھەمكارلىشىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ.

 ئادەتتە تاغ ئۈستىدە ياكى تاغ قاپتىلىدا تۇرۇپ ئوۋلاش ئوبيېكتىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، يوشۇرۇن يېقىنلاپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئوۋغا ئېرىشىدۇ. بۇ جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتى يىلپىزلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ئوزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئوزۇقلۇق مول بولىدىغان بولسا ھەرىكەت دائىرىسى تارراق بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئاز رايونلاردا ھەرىكەت دائىرىسى كەڭرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ماياقلايدىغان ئورنى مۇقىم بولۇپ، ماياقلاپ بولغاندىن كېيىن مايىقىنى توپا بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سالغان بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بەزىدە دەرەخلەرنى تاللاپ، تىرنىقى بىلەن تاتىلاپ بەلگە سېلىپ قويىدۇ، بۇ بەلگە سالغان دەرەخلەرگە بەزىدە ئوزۇقلۇق يوشۇرۇپمۇ قويىدۇ. ئۇۋىسى تاشلار ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇۋىسىغا باشقا نەرسە يېيىتمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ تاشلىغان تۈكلىرىنى يېيىتىدۇ.

سۈلەيسۈنسۈلەيسۈن سۇ ئۈزەلەيدۇ، دەرەخقە يامىشىشقا ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش سەزگۈلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇ كۈشەندىلىرىگە يولۇققاندا دائىم دەرەخلەرگە چىقىۋېلىپ مۆكۈنۈش ئارقىلىق ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ، سۈلەيسۈن ئاساسلىقى توشقان، توشقانباش چاشقان، غاجىلىغۇچىلار، سۇغۇر، ئىپار كېيىك، قىرغاۋۇل، كەكلىك، چىل، ئۇلار قاتارلىقلارنى تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇغا، ئېلىك، ئارقار، كۆكمەت، تاغ تېكىسى بالىلىرىنىمۇ تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ، تاپ يېمەيدۇ. 

ئۇ بەزىدە بىر ئورۇندا بىر قانچە كېچە –كۈندۈز يېتىپ ئوۋلاش ئوبيېكتىنى ساقلايدۇ. قىش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تاپالمىغان چاغلاردا ئۆي ھايۋانلىرىغىمۇ زىيان سالىدۇ. سۈلەيسۈن مۈشۈك ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلاردىن قۇۋراق كېلىدۇ. ئادەتتە ئادەملەرگە چېقىلمايدۇ ، پەقەت ئامال بولمىغاندا ئادەملەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ.

سۈلەيسۈنسۈلەيسۈن ھەر يىلى 3-4– ئايلاردا كۈيلەپ ئۆزئارا چېتىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە كۈيلىگەن چىشىسى ئەتراپىغا توپلانغان ئەركەكلىرى ئۆزئارا تالىشىدۇ. يەڭگەنلىرى كۈيلىگەن چىشىسى بىلەن چېتىشىدۇ. 

بوغازلىق ۋاقتى قىسقا بولۇپ، بىر ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر قېتىمدا2 –3 نى ئاسلانلايدۇ، بەزىدە 4 –5 نى ئاسلانلايدۇ، ئۇ بالىلىرىنى 2-3 ئاي ئىمىتىدۇ. بالىلىرىنىڭ تۈكلىرى ئاق بولىدۇ، چوڭايغانسېرى تۈك رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. بالىلىرى ئىككى ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ ، ئادەتتە 15 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.

سۈلەيسۈن سۈلەيسۈننىڭ دۆلىتىمىزدە بىرلا كەنجى تۈرى بولۇپ، جۇڭگو كەنجى تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلى،  ئالتاي، سانجى، بايىنبۇلاق، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىرىغا تارقالغان. ئىچكى ئۆلكىلەردە چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا، سەنشى، شەرقىي شىمال رايونى، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، خۇبېي، سىچۈەن، يۈننەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان، چەت ئەللەردە ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي رايونلىرىغا تارقالغان.

سۈلەيسۈنسۈلەيسۈننىڭ تېرىسى ۋە تۈكلىرى ناھايىتى يۇمشاق، تېنىدىكى ئالىلىرى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، باش كىيىم ۋە جۇۋا تىكىشنىڭ ئېسىل خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

 ئۇنىڭ تېرىسى ناھايىتى قىممەتلىك. زاڭزۇ تېبابىتىدە ئۈچىيىنى قۇرۇتۇپ دورا ياسايدۇ. ئۇ ئاساسلىقى غاجىلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق، ئوتلاقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى پايدىلىق. 

بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا، ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120428/c_131557667.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    20%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    60%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    20%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#