تاڭ يەن
تاڭ يەن 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدا تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ ئېچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى.
2006-يىلى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاڭ يەن 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدا تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ ئېچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى.
2015-يىلى مۇھەببەت تىياتىرى "《何以笙箫默》" ناملىق تىياتىردا باش رول ئالغان ھەمدە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلېۋىزىيە بايرىمى كېڭەيتىش باش ئەلچىسى ۋە 2015-يىللىق دۆلەت تىياتىرى مۇراسىمى ۋاكالەتچىسى بولغان.
2016-يىلى باش رول ئالغان كورىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھەرىكەتلىك كومېدىيەلىك «ئالتۇنغا ئېرىشكەن ئوۋچى" فىلىمىدە بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شۇ يىلى 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئەت بايرىمى ئالتۇن بۈركۈت ئىلاھى نەتىجىسىگە ئېرىشكەن.
2001-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 18 ياشلىق تاڭ يەن 3-نۆۋەتلىك ئەسىر يۇلتۇزى ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى چىمپىيونى ھەم «ساغلاملىق يۇلتۇزى» دا يەككە تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىللىق فوربېس جۇڭگولۇق مەشھۇر كىشىلەر تاختىسىدا 20-ئورۇندا تۇرغان؛
خۇا دىڭ مۇكاپاتى ھازىرقى زامان تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلېۋىزىيە بايرىمى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس؛
دۆلەت تىياتىرى مۇراسىمى ئەڭ زور سودا قىممىتى بار ئايال ئارتىس؛
دۆلەت تىياتىرى مۇراسىمى ئىچكىرىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.