ماكسىۋېل

ماكسىۋېل

ئەنگلىيە لىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسىۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتىكا ئىلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تونۇلغانىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماكسىۋېل
باشقا نامى James Clerk Maxwell
تۇغۇلغان ۋاقتى 1831-يىلى
كەسپى فىزىك
خەنزۇچە ئىسمى 詹姆斯·克拉克·麦克斯韦
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1879-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماكسىۋېلئەنگلىيە لىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسىۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتىكا ئىلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تونۇلغانىدى. 

ماكسۋېلدىن بۇرۇن، ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتكا تەتقىقاتى بىلەن خېلى كۆپ كىشىلەر شۇغۇللانغانىدى. شۇڭا توك بىلەن ماگىنىتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇلارغا ئايان ئىدى ھەمدە بىر نەچچە ئېلېكتر-ماگىنت قانۇنىنىمۇ بايقىغان، بىراق بىرەرمۇ بىرلىككە كەلگەن ۋە مۇكەممەل نەزەرىيە يوق ئىدى. 

ماكسۋېل تۆت قىسقا تەڭلىمە كەشپ قىلدى. بۇ تەڭلىمىلەر بىلەن ئېلېكتر ۋە ماگىنتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا شەرھلەپ بەردى ۋە بۇ ئارقىلىق مۇرەككەپ تەبىئىي ھادىسىلەرنى چۈشىنىشلىك نەزەرىيىگە ئايلاندۇردى. ماكسۋېل تەڭلىمىسى ئۆتكەنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.

ماكسۋېل تەڭلىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ بىر يۈرۈش ئادەتتىكى تەڭلىمە بولۇپ، ھەممە ئەۋالغا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ؛ بىزگە مەلۇم بولغان زور بىر تۈركۈم ئېلېكترىكا قانۇنىنىڭ ھەممىسى ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولمىغان باشقا بىر قانچە يەكۈنلەرنى چىقاردى. 

ماكسىۋېل چىقارغان يېڭى يەكۈن ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى؛ ئېلېكتر ماگىنت مەيدانى ئىچىدە دەۋرىيلىك تەۋرىنىش يۈز بېرىدۇ؛ بۇ خىل تەۋرىنىش ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنى دېيىلىدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا تارىيالايدۇ. ماگسۋېل بۇ خىل ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنىنىڭ سۈرئىتىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ تېزلىكى مىنوتىغا 300 مىڭ كىلومېتر ئىكەنلىكى شۇنداقلا نۇرنىڭ سۈرئىتى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى سەزدى. بۇنىڭدىن نۇر-ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن تەشكىللەنگەن دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

ماكسىۋېلشۇنىڭدىن قارىغاندا، ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئېلېكترىكا ۋە ماگىنىتىكا ئاساسىي قانۇنى بولۇپلا قالماستىن، ئوپتىكىنىڭمۇ ئاساسىي قانۇنى. ئەمەلىيەتتە، بارلىق ئوپىتىكا قانۇنلىرىنى ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسىدىن يەكۈنلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇن كىشىلەر بىلىپ بولمىغان نۇرغۇن ھەقىقەت بىلەن ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى بايقىۋالدى.

دېمەك، نۇر بىردىنبىر ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى چىقىرالايدىغان نۇر ئەمەس، ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسى يەنە نەچچە خىل ئېلېكتر ماگىنىتى بارلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئامپلىتۇدىسى كۆرۈنىدىغان نۇر بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيلىك فىزىك ھېرتىس ئەمەلىي بايقاش بىلەن بۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ، ماكسۋېل ئالدىن پەرەز قىلغان كۆرگىلى بولمايدىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىتالىيلىك فىزىك ماركونى بۇ خىل كۆرگىلى بولمايدىغان دولقۇننى رادىئو خەۋەرلىشىشىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن رادىئو خەۋەرلىشىشىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن رادىئو رېئاللىققا ئايلاندى. ھازىر بىز ئۇنى تېلېۋىزۇرغا ئىشلەتتۇق. X نۇرى، Y(گامما) نۇرى، ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ مىساللىرى؛ ماكسۋېلنىڭ تەڭلىمىلەر سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۇرلار ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىش ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ. 

ماكسۋېل ئۆزىنىڭ ئېلېكتر-ماگنىتكا ئىلمى ۋە ئوپىتكا جەھەتتىكى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن شۆھرەت قازاندى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ تۆھپىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىدى. ئۇ ئاسترونومىيە ۋە تېرمودىنامىكا نەزەرىيىسى قاتارلىق پەنلەردىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغانىدى. گاز ھەرىكىتى نەزەرىيىسى ئۇنىڭ ئالاھىدە قىزىقىدىغان تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ماكسۋېل گازنىڭ ھەممىسى ئوخشاش سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلمايدۇ، گاھى ئېلېمېنتلارنىڭ ھەرىكىتى تېز بولىدۇ، گاھىلىرىنىڭ ئاستا بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ماكسۋېل ھەر قانداق بىر خىل مۇقىم سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان گاز ئېلېمېنتىنىڭ پارچىلىنىش سانىنى بېكىتكىلى بولىدىغان نەزەرىيىنى ياراتتى. بۇ فورمۇلا «ماكسۋېلنىڭ تېزلىك بويىچە تەقسىملىنىش قانۇنى» دېيىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان فورمۇلىلارنىڭ بىرى، كۆپ خىل پەنلەردە مۇھىم ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.

ماكسۋېل 1931-يىلى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇ ئەقلى جەھەتتىن بۇرۇن يېتىلگەنىدى. 15 يېشىدا ئېدىنبۇرگ شەھىرىدىكى خان جەمەتى جەمئىيىتىگە ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇردى. ئۇ كامبرىد داشۆسىدە ئوقۇغان. ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى پروفېسسور پېتى ئۆتكۈزدى. ئۇ توي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇ نيۇتون بىلەن ئېينىشتېيىن ئارىلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئىدى. بەختكە قارشى، ئۇ راك كېسىلىگە گرىپتار بولۇپ، 48 يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#